تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھامبۇرگ بولكىسى «ئەخلەت يېمەكلىك»مۇ؟

   بۇنداق گەپ تازا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېيتىلغان ئەمەس.

   ھامبۇرگ بولكىسىنى نۇرغۇن كىشى «ئەخلەت يېمەكلىك» دەپ قاراپ، ئۇنى ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ماي تەركىبى يۇقىرى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمەليەتتە، بۇ ھامبۇرگ بولكىسىغا ئازراق ئۇۋال قىلغانلىق.

   نۆۋەتتە ئوزۇقشۇناسلىقتا تېخى «ئەخلەت يېمەكلىك» توغرىسىدا ئېنىقلىما يوق. ئەمەلىيەتتە، يېمەكلىكنىڭ مۇتلەق ياخشىسى ۋە ناچىرى بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئاچقۇچ بىر پۈتۈن غىزالىنىش قۇرۇلمىسى ۋە ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلىدا. ھامبۇرگ بولكىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن قەۋىتىدىكى ئىككى پارچە بولكا بىزنى كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىر ۋاق تاماقتىكى ئېھتىياجىمىزنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ؛ ئوتتۇرا قەۋىتىدىكى گۆش يالپاقچىسى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپ، بىر ۋاق تاماقتىكى ئاقسىل قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرىدۇ؛ قىستۇرۇلغان كۆكتات تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار؛ قىستۇرما قەۋىتىدە پىشلاق بولغان ھامبۇرگ بولكىسى يەنە بىزنىڭ كالتسىي تولۇقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

   يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ماسلاشتۇرۇشتىن قارىغاندا، ھامبۇرگ بولكىسىدا ئاساسلىق يېمەكلىك بىلەن گۆش ۋە كۆكتاتنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسى ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان. «ھامبۇرگ بولكىسى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبى تولۇق» دېيىشكە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك «ئەخلەت يېمەكلىك» ئەمەس.

   ھەقىقىي مەسىلە شۇكى، بەزى ھامبۇرگ بولكىلىرى ناھايىتى چوڭ، كۆكتات مىقدارى ئاز، ئوتتۇرا قەۋىتىدىكى گۆش يالپاقچىسى مايدا قاينىتىپ پىشۇرۇلۇپ، مايلىق قىيام ماتېرىيالى قوشۇلىدۇ، ھەمىشە يەنە بىر ئىستاكان كولا، بىر جۈپ ياغدا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان توخۇ قانىتى، بىر كىشىلىك ياڭيۇ قەلەمچىسى قوشۇلىدۇ ... ھامبۇرگ بولكىسى گۇناھسىز، تاللىشىمىزنىڭ ۋە ماسلاشتۇرۇشىمىزنىڭ خاتا بولغانلىقى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىشى كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.