تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئالدىن سىگنال! شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا «قۇرغاق ئىسسىق شامال»لىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

   5-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۇ يىللىق تۇنجى قېتىملىق كۈزگى بۇغداي قۇرغاق ئىسسىق شامال ئاپىتىدىن ئالدىن سىگنال بەردى، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى كۈزگى بۇغداي رايونلىرىدا قۇرغاق ئىسسىق شامال چىقىدۇ، شۇڭا مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

     5-ئاينىڭ 12-كۈنى، بورتالا شەھىرىدە كۈزگى بۇغداي باشاق چىقىرىش مەزگىلىگە كىردى. سۈرەتنى بورتالا شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن

   ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىمالىي شىنجاڭدىكى سانجى شەھىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا كۈزگى بۇغداي باشاق چىقارغان بولۇپ، پات ئارىدا دان تۇتۇش مەزگىلىگە كىرىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، سانجى شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى قىسمەن بۇغدايلىقنىڭ قۇرغاق ئىسسىق شامال خەۋپىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى بۇغدايلىقنىڭ قۇرغاق ئىسسىق شامال خەۋپىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ياكى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولىدىكەن.
   قۇرغاق ئىسسىق شامال يەنە «قۇرغاق شامال» «ئوت شامال» «ئىسسىق شامال» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى نەملىكى تۆۋەن، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ بەلگىلىك شامال كۈچى بار، ئاساسلىقى بۇغداي باشاق چىقىرىپ دان تۇتقىچە بولغان مەزگىلدە كۆرۈلىدۇ، تۇيۇقسىز چىقىش ۋە قىسقا ۋاقىت چىقىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. قۇرغاق ئىسسىق شامال چىققاندا، بۇغداينىڭ پارلىنىش رولى كۈچىيىپ، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشى ۋە تۈپىنىڭ پارلىنىشى  تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، دان تۇتۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تولۇق دان تۇتماسلىق، ھەتتا قۇرۇق دان تۇتۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئاخىرقى ھوسۇلىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ.

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ۋاڭ شۆجياۋ مۇنداق دېدى: قۇرغاق ئىسسىق شاماللىق ھاۋارايى كۈزگى بۇغداينىڭ دان تۇتۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ قىسمەن بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلاردا نەملىك يېتىشمەسلىك تەسىرى قوشۇلۇپ، بۇغداينىڭ بالدۇر ئاجىزلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

   ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن.

   «بىرنى پۈركۈش، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش» _ قۇرغاق ئىسسىق شامالدىن مۇداپىئەلىنىشتە دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، ھاشارات يوقىتىش دورىسى، مىكروب يوقىتىش دورىسى، يوپۇرماق ئوغۇتى، ئۆسۈشنى تەڭشەش دورىسى قاتارلىقلار بىرلىكتە پۈركىلىپ، بۇ ئارقىلىق بۇغدايدىكى كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قۇرغاق ئىسسىق شامالنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇغداي مايسىلىرى يېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق تەكلىپ بەردى: خەۋىپ-خەتەر كۆرۈلىدىغان رايونلاردا يوپۇرماق ئوغۇتى، ئۆسۈشنى تەڭشەش دورىسىنىڭ رېتسىپىنى تەڭشەپ، يوپۇرماقنىڭ فوتوسىنتېز ئىقتىدارى ۋە پارلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تۇپراقنىڭ نەملىكى بىر قەدەر ناچار بولغان يەرلەردە، قۇرغاق ئىسسىق شامال چىقىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تېمىتىپ، ئېتىزلارنىڭ نىسپىي نەملىكىنى ئاشۇرۇپ، قۇرغاق ئىسسىق شامالنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.