بۇ دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش.

سىز ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغاندا، بەدىنىڭىز بىرلا ۋاقىتتا گلۇكوگېن ۋە ماينى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىپ خورىتىدۇ، پەقەت ئوخشاش بولمىغان سىجىللىقتىكى ماينىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى، داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە شەخسنىڭ بەدەن ساپاسى بۇ ئىككىسىنىڭ خوراش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن «30 مىنۇتتىن بۇرۇن ماي خورىمايدۇ» دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت 20 مىنۇت ھەرىكەت قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ماي خورايدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرىكەت قىلغان دەسلەپكى بىرنەچچە مىنۇتتا، بەدەن ئالدى بىلەن ساقلانغان گلۇكوگېننى ئېنېرگىيە مەنبەسى، ماينى قوشۇمچە ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەت قىلغاندا. ھالبۇكى، ھەرىكەت ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ كۈچلۈكلۈكى مۇۋاپىق بولغان ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت (مەسىلەن، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار)تە، بەدەن بارا-بارا تېخىمۇ كۆپ ماينى ئېنېرگىيەگە ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، 30 مىنۇت ئىچىدە، سىز ماينى خورىتىشقا باشلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ماينىڭ كۆيۈش نىسبىتى ئۆرلەيدۇ.
ماي كۆيدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئومۇمىي ئىسسىقلىق سەرپىياتى ۋە ئۇزاق مۇددەت ئىزچىل ھەرىكەت قىلىشتا، ھەرىكەت قىلىش مەڭگۈ ھەرىكەت قىلمىغاندىن ياخشى، مەيلى 10 مىنۇت ياكى 30 مىنۇت بولسۇن، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى