تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | كىچىك ۋاقتىدا سەمىرىپ كەتسە كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن تەبىئىيلا ئورۇقلىيالايدۇ؟

بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس.

بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەردىكى سېمىزلىك قۇرامىغا يېتىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېمىزلىك دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، قۇرامىغا يەتكەندىكى سېمىزلىككە تەرەققىي قىلىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

سېمىز بالىلاردا دائىم تاتلىقلىققا خۇمار بولۇش، تەمگە ئەھمىيەت بېرىش، تاماق تاللاش قاتارلىق ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى بولىدۇ، يەنە ئۈنۈملۈك چېنىقىش كەمچىل بولۇش، مەشغۇلات تەرتىپلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولىدۇ. ئەگەر دىققەت قىلمىسا، بۇ ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى ياشنىڭ چوڭىيىشى سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

سېمىز بالىلارنىڭ ماي ھۈجەيرىلىرى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ، سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇنداق بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ، بۇ، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سېمىزلىك يەنە بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ «چوڭ بولغاندىن كېيىن ئورۇقلىيالايدۇ»، «چوڭ بولغاندا ئورۇقلىۋالسىمۇ كېچىكمەيدۇ» دېگەن خام خىياللاردا بولماي، ۋاقتىدا دىققەت قىلغاندىلا بالىنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولغان بولىدۇ.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى مۇتەخەسسىس: دۆلەت ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن ۋېي

يەنە بىر بىلىم نۇقتىسىنى كۆپ ئۆگىنەيلى

—— ئۈچ خىل ياش باسقۇچىدا بالىلار ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ

بوۋاقلىق مەزگىلى

بۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى «بىرىنچى ئۆسۈپ يېتىلىش يۇقىرى پەللىسى»، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولىدىغان مەزگىل. ئاتا-ئانىلار زىيادە بېقىشتىن ساقلىنىشى، ھەمدە ۋاقتىدا ئىلمىي ھالدا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇشى كېرەك.

ئوقۇش يېشىغا توشمىغان مەزگىل

بۇ باسقۇچتىكى بالىلارنىڭ چايناش ئىقتىدارى تېخى ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا تاماق تاللاش قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرىكەت يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار رەسىملىك كىتاب ئوقۇپ بېرىش، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار بىللە غىزالىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بالىلارنى تەكشى غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پائال يېتەكلىسە بولىدۇ.

يېتىلىش مەزگىلى

بۇ «ئىككىنچى ئۆسۈپ يېتىلىش يۇقىرى پەللىسى»، شۇنداقلا سېمىزلىك كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل. بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ تەكشى، مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساغلام ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر (مەسىلەن، مېۋە-چېۋە، سۈت، قاتتىق پوستلۇق مېۋە) بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە بالىلارنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەت ئوتتۇراھال سىجىل ھەرىكەت قىلىپ، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار يېتەكلىشى، نازارەت قىلىشى ۋە ھەمراھ بولۇشى كېرەك.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.