تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

چىلگە قوغۇن بازار تاپتى  شىنجاڭنىڭ «شېرىن ئەۋرىشكە»سى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى

  تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قۇمۇلنىڭ قوغۇنى، كورلىنىڭ نەشپۈتىنى ھەممە ئادەم ماختايدۇ. ھەر يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئالمىشىدىغان چاغدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلار شىنجاڭنىڭ چىلگە قوغۇنىدىن كېلىدىغان خۇش ھىد ۋە شېرىن تەمدىن ھوزۇرلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىچە تەممۇ ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

چىلگە قوغۇن.       سۈرەتنى ما يەن تەمىنلىگەن

   «4-ئاينىڭ ئاخىرىدىلا، مەن چىلگە قوغۇن سېتىشقا باشلىدىم». 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جيۇدىڭ بازىرى»دېيىلىدۇ)دىكى سودىگەر گو خەيجياڭ شاڭخەيلىك خېرىدارلارغا ئوراپ قاچىلاپ ئەۋەتمەكچى بولغان قوغۇنلارنى تاللاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.  

   بۇ بازاردا مېۋە-چېۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغىنىغا سەككىز يىل بولغان گو خەيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەن ساتقان چىلگە قوغۇن ئاساسلىقى تۇرپاندىكى پارنىكلاردىن چىقىدۇ، كۆپ قىسمى بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، مىقدارى كۆپ بولغاندا كۈنىگە 800~700 يەشىك، ئاز بولغاندا كۈنىگە 300~200 يەشىك تارقىتىلىدۇ. «ھازىر قوغۇنلار چىلگە قوغۇن، ئارا پىشار قوغۇن، كەنجى قوغۇن دەپ كۆپ خىل سورتقا بۆلۈنىدۇ، دەرىجە ئۆلچىمىمۇ بىر قەدەر ئىنچىكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان بازار، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال توپىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ». ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل چىلگە قوغۇننىڭ سېتىلىش مىقدارى يامان ئەمەس بولىۋاتىدۇ.

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا سېتىلىۋاتقان چىلگە قوغۇنلار.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى

   «ھازىرقى قوغۇنلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تەمى يامان ئەمەس». بازاردا جياڭسۇلۇق دوستىغا قوغۇن ئەۋەتىۋاتقان ليۇ شىنيۈ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئەتراپىدا، جياڭسۇلۇق دوستلىرىم ماڭا بىرئاز چىلگە قوغۇن ئەۋەتىپ بېرىشنى تاپىلايدۇ».

   جيۇدىڭ بازىرىغا جايلاشقان بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر بازاردىكى نۇرغۇن سودىگەرلەر توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قوغۇن ساتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولايلىق ئەشيا ئوبوروتى بولغاچقا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى نەچچە مىڭ كىلوگىرام قوغۇن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدىكەن.

    تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئاستانە يېزىسىدا ئون يىل قوغۇن تېرىغان ما يەن جەمىي 50 پارنىكنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 26 پارنىكقا چىلگە قوغۇن تېرىلغان. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل چىلگە قوغۇننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولغان، بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر پارنىكتىن 6000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن.

   «ھازىر، قوغۇننى سېتىشتىن غەم قىلمايمىز، توپ سېتىش سودىگەرلىرىمۇ سېتىۋالىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ساتىدىغانلارمۇ بار، قوغۇن پىشماي تۇرۇپلا ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولۇندى» دېدى ما يەن.

   جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرىدىكى مېۋە-چېۋە توپ سېتىش بازىرىدا شىنجاڭ قوغۇنى سودىسى قىلىدىغان شى جۈنشېڭنىڭ قوغۇننىڭ سىرتقى شەكلى، تاتلىقلىق دەرىجىسىگە قويىدىغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى. ھەر يىلى چىلگە قوغۇن پىشىپ بازارغا سېلىنغاندا، ئۇ مەخسۇس تۇرپانغا بىر قېتىم كېلىدۇ، بۇ يىل ئۇ 2000 توننا چىلگە قوغۇن زاكاز قىلدى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دەسلەپتە چىلگە قوغۇن سودىسى قىلغاندا تەجرىبىسى بولمىغاچقا، يۆتكەپ كېلىنگەن قوغۇننىڭ قەنت دەرىجىسى ئاران 11دىن 12گىچە بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولمىغان. ئۇ يەتتە يىلدىن كۆپرەك تەجرىبە توپلاش ئارقىلىق، قەنت دەرىجىسى 16دىن 18گىچە بولغان، مېۋە شەكلىنىڭ سىزىقچىلىرى تەكشى، ئېغىرلىقى مۇۋاپىق بولغان قوغۇنلارنى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. 

     «شىنجاڭنىڭ قوغۇنى داڭلىق، بازىرى ئىتتىك. بولۇپمۇ چىلگە قوغۇننىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى <1-ماي>نىڭ ئالدى-كەينىدە بولغاچقا، سېتىلىش پەيتى بىر قەدەر ياخشى» دېدى شى جۈنشېڭ.

    شى جۈنشېڭغا ئوخشاش سودىگەرلەردىن باشقا، يېقىندا يەنە نۇرغۇن ۋاڭخۇڭ، دارېنلار تۇرپانغا بېرىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ قوغۇن ساتقان. تورداش شياۋماۋمى مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قوغۇننى تاللا بازىرىدىنلا سېتىۋالغىلى بولىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، ھازىر پەقەت يان تېلېفون ئارقىلىق توردا زاكاز قىلساملا، شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن قوغۇنلارنى تېتىيالايمەن، ناھايىتى ياخشىكەن».

    «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئايرودۇرۇم يۈك تىرانسىپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەي بىننىڭ ھەر كۈنى تاپشۇرۇۋالغان چىلگە قوغۇن توشۇش تالونى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر كۈنى دېگۈدەك توشۇش تالونى بار، بېيجىڭ، چېڭدۇ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا يۈك توشۇيدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ تىرانسىپورت مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 2 توننىدىن 3 توننىغىچە قوغۇن ئايروپىلان ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلۇۋاتىدۇ.

  سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېن جۈن گۇاڭجوۋدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان مەخسۇس لىنىيە ئارقىلىق سودا قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە، مېنىڭ گۇاڭجوۋغا توشۇغىنىمنىڭ ھەممىسى قوغۇن بولدى. ​

   كۈچلۈك بازار ئېھتىياجى شىنجاڭنىڭ قوغۇن كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، تۇرپان شەھىرى بىلەن قومۇل شەھىرى بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلغان شىنجاڭ قوغۇن كەسىپلەر توپى تۈرى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2025-يىللىق يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى يۇغۇرما تەرەققىيات تۈرىنىڭ تۈر تۇرغۇزۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىنىڭ ئومۇملىشىشى، قوللىنىلىشى، قوغۇنچىلىق كەسپىنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك گۈللىنىشى، پۈتۈن كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ «شېرىن ئەۋرىشكە»لەر ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.