تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئانار ساغلاملىق | ئورۇقلاش ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈشكە باراۋەر ئەمەس، ئورۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى نىشان بەدەندىكى ياغنى ئازلىتىپ مۇسكۇلنى چىڭىتىشتۇر

  ئورۇقلاش ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈشكە باراۋەر ئەمەس

    ئورۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى نىشان بەدەندىكى ياغنى ئازلىتىپ مۇسكۇلنى چىڭىتىشتۇر

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ئورۇقلاش نوقۇل ھالدا بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈشنى كۆرسەتمەيدۇ، ئىلمىي ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمى بەدەندىكى ياغ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك ئازلىتىپ، مۇسكۇل سۈپىتىنى ساقلاش ياكى ئاشۇرۇشتۇر.

  ساغلاملىق تەربىيەسى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى

  ئورۇقلاش جەريانىدا، نۇرغۇن كىشى ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈش، ئورۇقلاش، ياغنى ئازلىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى پەرق ئېتەلمەيدۇ، پەقەت بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان تارازىدىكى سانلارنىڭ ئازلىغان-ئازلىمىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ، ھەتتا چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇلنى قوللىنىپ تېز سۈرئەتتە ئورۇقلايدۇ.

  ئىلمىي ئورۇقلاش قارىشى

  ئادەم بەدىنى كۆپ خىل تەركىبتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ياغ، مۇسكۇل، سۆڭەك ۋە ئىچكى ئەزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئورۇقلاش جەريانىدا ئىلمىي ئورۇقلاش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، بەدەندىكى ياغنىڭ مىقدارىنى ھەقىقىي ئازلىتىش، مۇسكۇلنىڭ سۈپىتىنى ساقلاش ياكى ئاشۇرۇش كېرەك.

   ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈش ئورۇقلاشقا باراۋەر ئەمەس

  ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈش بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىشنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ چۈشۈشىدە چۈشكىنى بەدەندىكى ياغ، ئادەم بەدىنىدىكى سۇ ۋە مۇسكۇلنىڭ ئېغىرلىقى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئورۇقلاشنىڭ نىشانى بەدەندىكى زىيادە كۆپ ياغنى ئۈنۈملۈك ئازلىتىشتىن ئىبارەت.

  بەدەندىكى ياغ ئازلاش ئېغىرلىق چۈشكەنگە باراۋەر ئەمەس

  بەدەندىكى ياغنى ئازلىتىش ئورۇقلاشنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن» نۇسخىسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق بەدەندىكى ياغنىڭ نىسبىتىنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ.

  ئورۇقلىغاندا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  1. يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشنى ھەرىكەت پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي ئورۇقلاش كېرەك، بولمىسا ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە زىيادە خورىشىدىن ئادەم بەدىنى «ئورۇقلىغان»دا، ئادەمنىڭ سالامەتلىكى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  ئۇسساش

  چارچاش

  2. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز ئورۇقلاشنى قارىغۇلارچە قوغلاشماڭ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەتكەندە، بەدەندىكى سۇ تەركىبى كۆپ مىقداردا خوراپ، بەدەندە ئۇسساش، سۇسىزلىنىپ قىزىش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىق نورمالسىز ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

  كۈندىلىك ئىلمىي ئورۇقلاشتا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارنى ئىگىلەش كېرەك:

  ئاساسلىق يېمەكلىكتە تولۇق دانلىق زىرائەتلەرنى ئاساس قىلىشقا ئىلھام بېرىش، قارا ئاشلىقنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش ھەمدە ئاق گۈرۈچ، ئۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازلىتىش كېرەك. نوقۇل ھالدا دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى چەكلەش ئارقىلىق كۈندىلىك ئومۇمىي ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك كېرەك، ئومۇمىي يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتقاندا، ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى چەكلەش ۋە ئازلىتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك.

  يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ تۈرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، ئەمما يۇقىرى شېكەرلىك مېۋە ۋە كىراخمال تەركىبى يۇقىرى كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك.

  ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئالدى بىلەن ياغ مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىك، مەسىلەن: قارا گۆش، تېرىسى سويۇلغان توخۇ كۆكرەك گۆشى، بېلىق، راك قاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك؛ ئالدى بىلەن ياغ تەركىبى تۆۋەن ياكى ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى تاللاش كېرەك.

  ياغلىق يېمەكلىك ۋە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك؛ پېچىنە-پىرەنىك ۋە قوشۇمچە تاماق يېيىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، ئىشتىھانى تىزگىنلەپ، يەتتە ئۈلۈشلا تويۇش كېرەك.

  ئامال بار سۇدا پىشۇرۇش، سۇس ئوتتا پىشۇرۇش، دۈملەش ۋە مىكرو دولقۇندا قىزدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قورۇمىنى ياغنى ئاز قۇيۇپ قورۇش كېرەك.

  شېكەر تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى مۇۋاپىق ئازلىتىپ، سۇ ۋە چاي ئىچىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  غىزالىنىش قانۇنىيەتلىك بولۇش، زىيادە كۆپ يەپ-ئىچمەسلىك، زىيادە تويۇپ يېمەسلىك، تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش كېرەك.

  ​ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى)دىكى سۇڭ نىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز.

  نازارەتچىلەر: چاۋ جىن، ۋاڭ چۇنخۇا

  ئىشلىگۈچى: لى جېننەن

   مەزمۇننى تەييارلىغۇچى: ۋېي خۇڭپىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.