تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
5-ئايدىكى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى سېرىقئۆي كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكلىرىنىڭ ئىچى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى، يۇپيۇمىلاق، قىپقىزىل شوخلىلار شاخلىرىغا پاتماي قالغانىدى. كەنت ئاھالىلىرى بولسا پارنىك ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ ئۈزۈۋاتاتتى، ساندۇق-ساندۇق يېڭى مېۋە-كۆكتاتلار توڭلاتقۇلۇق ئاپتوموبىل ئارقىلىق ناھىيە بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا توشۇلدى. بۇ يىل، بۇ كەنتتىكى پارنىكلارغا تېرىلغان كۆكتاتلار مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى، يىللىق ساپ كىرىمنىڭ تۆت مىليون يۈەندىن ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جانلىق ئۈلگىسىگە ئايلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى سېرىقئۆي كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا، شوخلىلاردىن ھوسۇل ئالغان كەنت ئاھالىسىنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى. لىن خۇەيلېي فوتوسى
سېرىق ئۆي كەنتىدە جەمئىي 100 كۆكتات پارنىكى بار. بۇنىڭ ئىچىدە شوخلا پارنىكىدىن 80ى بار بولۇپ، ھەر بىر پارنىكنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 4500 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنى بەش يۈەن ئەتراپىدىكى ئوتتۇرىچە باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر يىلدىكى ئىككى قېتىملىق ھوسۇلدا بىر پارنىكتىن ئېلىنىدىغان يىللىق ساپ كىرىم 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 20 پارنىكقا چىڭسەي، تاۋۇز قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى كېڭەيدى. كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، سېرىقئۆي كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئۈلگىلىك تېرىقچىلىق بازىسىغا ئايلاندى.
«مېنىڭ تۆت پارنىكىم بار، بىر يىلدا ئىككى قېتىم مايسا يېتىشتۈرىمەن، چەيزى، لازا، شوخلا مايسىسى قاتارلىقلارنى قوشقاندا 800 مىڭ تۈپ چىقىدۇ، ھەر بىر تۈپ مايسىدىن 0.1 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، مايسا يېتىشتۈرۈشتىنلا 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭغا شوخلىدىن ھەر يىلى كىرىدىغان 120 مىڭ يۈەن كىرىمنى قوشساق، بىر يىلدا جەمئىي 200 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ!» سېرىقئۆي كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق تېخنىكى مەمەت مەمتىمىن پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى: «ھازىر كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى ئۆتمەكتە، مەنمۇ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى يۇرتداشلارغا بەھرىلەيمەن، كۆپچىلىك «ھەميان»ىمىزنى بىرلىكتە تومپايتىمىز.»
سېرىقئۆي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەتتوختى مەتتۇرسۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىن چىققان شوخلىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، تەمى تاتلىق بولغاچقا، بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا تالىشىپ سېتىلىپ بولدى. كەنت «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرۈش» ۋە «كۈزدە كېچىكتۈرۈش»تەك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، بازار ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى شوخلا، لازا، خاڭگا قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك بازىرى ئىتتىك كۆكتاتلارنى تېرىشقا يېتەكلەپ، پارنىكنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «يېشىل بانكا»غا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ تېرىقچىلىق قىزغىنلىقىنى بارغانسېرى ئاشۇردى.
يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. سېرىقئۆي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى، ئەترەت باشلىقى ۋۇ يۇڭيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى پارنىك ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ياردەم يار-يۆلەك مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك كۆكتاتلارنىڭ ئەلا سورتلىرىنى پائال كىرگۈزدى؛ يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى ئېتىز ـ ئېرىقلارغا بېرىپ، تۇپراقنى ياخشىلاش، تېرىقچىلىق پەرۋىشىدىن كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكىچە تولۇق زەنجىر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كۆكتات سېتىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «بېيىش يولى»غا ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلدى.