تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | 14 يىللىق «ئاچا-سىڭىللىق مېھرى»

      تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا

     ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئېرداۋچياۋ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى تاجىگۈل سىيىت مەھەللە كادىرى لى خۇڭ بىلەن 14 يىل ياخشى ئۆتۈپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

   2011-يىلى، 13 ياشلىق تاجىگۈل كىشىلىك ھاياتىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تېڭىرقاپ قالدى. ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان ھاممىسى قان تومۇر ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ ماڭالمايدىغان بولۇپ قالدى، تاغىسى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. كەلگۈسىدە پۇل مۇئامىلە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تاجىگۈل ئائىلىسىنىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقى ئالدىدا ئوقۇشتىن توختاپ تاغىسىنىڭ ئاشخانىسىغا ياردەملەشمەكچى بولدى.

تاجىگۈل سىيىت لى خۇڭ (سولدا)نىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا فوتوسى

   مەھەللە كادىرى لى خۇڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاشخانىغا كەلدى. لى خۇڭ ئۇياق-بۇياققا چېپىپ پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن تاجىگۈلگە قاراپ ئىچى ئاغرىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «ئەخمەق قىز، مەدەنىيەت سەۋىيەرىڭىز، قابىلىيىتىڭىز بولمىسا، تاغىڭىزنىڭ ئاشخانىسىغا قانداق ياردەملىشىسىز؟» دېدى. لى خۇڭنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىشى بىلەن تاجىگۈل داۋاملىق ئوقۇشنى قارار قىلدى، لېكىن ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنى تاللاپ، يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆگەندى.

   ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، تاجىگۈل ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۆيىگە قايتىپ تاغىسى ۋە ھاممىسىنىڭ ئاشخانىسىغا ياردەملەشتى، لى خۇڭمۇ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاشخانىغا بېرىپ ياردەملەشتى، بۇنىڭ بىلەن تاجىگۈلنىڭ كۆڭلىمۇ بارغانسېرى خاتىرجەم بولدى.

   تاجىگۈل مەكتەپتە نەزەرىيە بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگەندى، ئاشخانىغا قايتقاندىن كېيىن ئەمەلىي مەشغۇلات ئېلىپ باردى. لى خۇڭ، تاغىسى ۋە ھاممىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن تاجىگۈل بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە ئۇۋۇلاشنى ئۆگەندى ھەم بوش ۋاقىتلىرىدا ھاممىسىنىڭ پۇتىنى ئۇۋۇلاپ قويدى. تاغىسى ۋە ھاممىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاشخانىنىڭ سودىسىمۇ جانلاندى.

  تاجىگۈل توي قىلماقچى بولۇپ، ئىجارە ئالىدىغانغا مۇۋاپىق ئۆي تاپالمىغاندا، لى خۇڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ تۇردى. 2019-يىلى، تاجىگۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ «خۇاڭگۇڭ تونۇر كاۋىپى» ئاشخانىسىنىڭ تارماق دۇكىنىنى ئېچىشنى پىلانلىدى. «ئاچا، سىز مەھەللىدە خىزمەت قىلىسىز، بۇ ئەتراپتا قەيەردە ئادەملەر كۆپ، قەيەردە ئىجارىگە بېرىدىغان دۇكان بارلىقىنى بىلەمسىز؟» تاجىگۈل لى خۇڭنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، لى خۇڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تاجىگۈلگە ھەمراھ بولۇپ ھەرقايسى يول بۆلەكلىرىدىكى دۇكانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاشخانا ئېچىش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسەتتى.

   2021-يىلى تاجىگۈل يېڭى ئۆي سېتىۋالماقچى بولغاندا، لى خۇڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ «بۇدۇشقاق» سىڭلىسىغا ھەمراھ بولۇپ، چوڭ-كىچىك كوچىلارنى ئارىلاپ ئۇنىڭ ئۆي كۆرۈشىگە، بانكىدىن قەرز ئېلىشىغا ياردەم بەردى. «ئاچام يېنىمدا بولسا خاتىرجەم بولىدىكەنمەن» دەيدۇ تاجىگۈل.

   بۈگۈنكى كۈندە، 27 ياشلىق تاجىگۈل ئىككى ئاشخانىنىڭ سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى، تاغىسى ئاشخانىنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى، ھاممىسى مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇردى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، سودىسى بارغانسېرى روناق تاپتى.

   بوش ۋاقىتلاردا تاجىگۈل لى خۇڭ بىلەن سىنلىق سۆزلىشىپ، ئاشخانىدىكى قىزىق ئىشلارنى ھەمبەھرىلەپ تۇردى، «بۈگۈن شاڭخەيلىك ساياھەتچىلەر بىزنىڭ ئاشخانىغا كېلىپ تونۇر كاۋىپىمىزنى تەملىككەن دەپ ماختاشتى، سىز ئۆگەتكەن <كۈلۈمسىرەپ مۇلازىمەت قىلىش> ھەقىقەتەن كارغا كەلدى!» بۇنداق ئىللىقلىققا تولغان سۆھبەت بۇ ئىككىيلەننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغانىدى.

   تاجىگۈل مۇنداق دېدى: مەن لى خۇڭنىڭ ۋۇجۇدىدىن مۇھەببەت ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ھېس قىلدىم، مەن بۇ مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاجىگۈل ئائىلىسىدىكىلەر ھەر يىلى ھاۋا ئەڭ سوغۇق ۋە ئەڭ ئىسسىق چاغلاردا مۇھىت قوغداش ئىشچىلىرى ئۈچۈن «مېھىر-شەپقەت تامىقى» تەييارلىدى. تاجىگۈل ئىسسىق پولۇ، سامسا قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى، تاجىگۈل يەنە تەۋەلىكتىكى يالغۇز تۇرىدىغان قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ تۇردى.

   ئون نەچچە يىل يېقىن ئۆتۈش جەريانىدا، ئىككىيلەن ئارىسىدىكى دوستلۇق ئاللىبۇرۇن ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەنىدى، تاجىگۈل لى خۇڭنى بىرنەچچە كۈن كۆرمىسىلا، مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىدىغان بولدى. لى خۇڭمۇ تاجىگۈلنىڭ غېمىنى يەپ، مەھەللىدە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان قانداق ياخشى سىياسەتلەر بولسا، بىرىنچى ۋاقىتتا تاجىگۈلگە يەتكۈزىدىغان بولدى.

   «ئاچام تۇرمۇشتا ماڭا كۆپ ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ماڭا سودىدا سەمىمىي بولۇش، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلاش توغرىسىدا تەربىيە بەردى. ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بولمىغان بولسا، مەن بەلكىم نۇرغۇن مۇشەققەتلىك يوللارنى باسقان بولاتتىم». تاجىگۈل مۇنداق دېدى: «مەن گەرچە ئاتا-ئانامدىن كىچىكلا ئايرىلىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن تەلىيىمگە ھازىر مېنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان تاغام، ھاممام ۋە ھەر قېتىم تاللاشقا دۇچ كەلگەندە ماڭا ھەمراھ بولىدىغان لى خۇڭ ئاچام بار، ھازىر پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ھەممىمىز بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز».

   باھار ئاياغلىشىپ ياز كەلدى، ئۈرۈمچى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، تاجىگۈل ئائىلىسىنىڭ تونۇر كاۋىپى دۇكىنىنىڭ تىجارىتىمۇ جانلىنىپ كەتتى. لى خۇڭ بوش ۋاقىتلىرىدا دۇكانغا بېرىپ تاجىگۈل بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردى. ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ دوستلۇق رىشتى خۇددى شىنجاڭنىڭ ئانارىغا ئوخشاش يېگەنسېرى شۇنچە تاتلىق، شۇنچە شېرىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.