ياڭاق تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشى ياڭاق مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشى گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ناشتىغا ئازراق ياڭاق قوشۇۋەتسە، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنىڭ چېكىنىپ كېتىشنى كېچىكتۈرۈش، قوغداش رولىنى ئوينايدىكەن ھەم چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن.
ئەمەلىيەتتە ياڭاقنىڭ پايدىسى بۇلا ئەمەس، يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ياڭاق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى ياللۇغ، راك كېسىلى خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن.

01 ياڭاق يېيىشكە ئامراق كىشلەردە پۈتۈن بەدەن ياللۇغلىنىش، ئۈچەي راكى خەۋپى تۆۋەن بولىدىكەن
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، دائىم ياڭاق يەپ بەرسە سۈيدۈك تاش ماددىسى A سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغلىنىش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى ھەمدە بوغماق ئۈچەي مونچاق گۆشى ئىچىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىگە بىۋاسىتە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، بوغماق تۈز ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن.
«مېڭىنى قۇۋەتلەش»، «ياللۇغقا قارشى تۇرۇش»تىن باشقا، دائىم ياڭاق يەپ بېرىشنىڭ بەدەنگە باشقا پايدىسىمۇ ناھايىتى كۆپ:
قاندىكى ماينى ياخشىلايدۇ
2018-يىلىدىكى 26 كىلىنىكىلىق تەجرىبىگە كىرگۈزۈلگەن 1059 نەپەر سىناققا قاتناشقۇچىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، كۈندە ياڭاق يېمەيدىغان گۇرۇپپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياڭاقنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىنكى يېمەك-ئىچمەك قان پىلازمىسىدىكى تىرى گلىتسېرىد (TG)نىڭ سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ھالدا %5.52 تۆۋەنلىگەن، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن سەۋىيەسى %3.73 تۆۋەنلىگەن، ئومۇمىي خولېستېرىن سەۋىيەسى %3.25 تۆۋەنلىگەن.
بۇ كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تۆۋەنلىشى قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدىكەن.

دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە (بولۇپمۇ ياڭاق) يېيىش دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. شۇڭا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى قەرەللىك (تەخمىنەن كۈندە بىر قېتىم) ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، سېمىزلىك ۋە 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ساغلام يېمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمى قىلىش كېرەك.
تەشۋىشنى پەسەيتىدۇ
قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئىچىدە ياڭاقنىڭ α لىنولېنىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى سۈپەتلىكراق بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، α لىنولېنىك كىسلاتا نېرۋىنى قوغداش رولىغا ئىگە بولۇپ، تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىدىكەن.
ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ
مېلاتونىن كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئۇ چوڭ مېڭە چىلغوزا تەنچىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل ھورمۇن بولۇپ، ئادەمنى تەبىئىي ھالدا ئۇخلاشقا ئۈندەيدۇ، لېكىن بەدەن ياكى خىزمەت سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ مېلاتونىن ئاجرىتىپ چىقىرىشى تەسىرگە ئۇچراپ، تەستە ئۇخلايدۇ.
ياڭاق تەركىبىدە مېلاتونىن مول بولغان يېمەكلىك بولۇپ، بەزى تەتقىقاتلاردا ھايۋانلارنى ياڭاق بىلەن باققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قېنىدىكى مېلاتونىن ھورمۇنىنىڭ مىقدارى ئەسلىدىكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە ئۆزگىرىدىغانلىقى بايقالغان. ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغان كىشىلەر ئادەتتە دائىم ياڭاق يەپ بەرسە، ئۇيقۇغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، سىناپ باقسا بولىدۇ.
02 كۈندە ياڭاق يېگەندە، بۇ ئالتە نۇقتىنى ئەستە تۇتۇڭ
ناشتىغا ئازراق ياڭاق قوشۇۋېتىڭ
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ناشتىدا ياڭاق يېسە چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاس سۈرئىتى تېزلىشىدىكەن. ياڭاق تەركىبى مول بولغان ناشتىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاس ۋاقتىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى كېچىكتۈرۈش، قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
ياڭاقنى ئەڭ ياخشىسى پوستى بىلەن يەڭ
ياڭاق مېغىزىنىڭ سىرتقى يۈزىدە قېنىق قوڭۇر رەڭلىك پوستى بار، پوستى بىلەن يەپ بەرگەن ئەڭ ياخشى. رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى ليۇ يۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياڭاقنىڭ پوستىنى سويۇپ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، ئەڭ ياخشىسى بىللە ئىستېمال قىلىش كېرەك. ياڭاق پوستىدا پولىفېنول قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بولغاچقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرى ۋە ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغاندا زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئادەتتە يېڭى ياڭاقنى كۆپرەك ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار دەل بىز پوستى بىلەن ياڭاق يېگەندە سۇس قىرتاق، قىرتاق تەمنىڭ كېلىش مەنبەسى.
ھەر كۈنى 2دىن 3كىچە يېسە ئەڭ ياخشى
ياڭاقنىڭ ماي مىقدارى تۆۋەن ئەمەس. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى 2022»دە مۇنداق تەكلىپ بېرىلگەن: قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ ھەر ھەپتىدە قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 70 ~ 50 گرام، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كۈندە قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 10 ~ 7 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. شاكىلى بار ياڭاققا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن 3 ~ 2 دانە بولىدۇ.

ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا ئاقلاپ يەڭ
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى فەن جىخۇڭ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: شاكىلى مۇكەممەل بولمىغان ياكى يېرىلىپ كەتكەن ياڭاققا مىكروب ۋە ھاۋا كىرگەندىن كېيىن، ئاسانلا ياڭاق تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئوكسىدلىنىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياڭاقنىڭ سىرتقى قېپىنى ئەڭ ياخشىسى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن سويۇۋېتىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ياڭاقنى ۋاكۇئۇملۇق خالتىغا سېلىپ ۋاكۇئۇملىغاندىن كېيىن ھىم ئېتىپ ساقلىغاندا، ئوكسىگېننى ئۈنۈملۈك ئايرىپ، ئوكسىدلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ. ئاچچىق ياڭاقنى يېگەن ھامان دەرھال تۈكۈرۈپ ئېغىزىنى چايقاش كېرەك.
ئەسلى تەمدىكى ياڭاقنى تاللاڭ
ياڭاقنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەسلى تەمىنى تاللاش كېرەك، ئارتۇقچە پىششىقلاپ ئىشلەنمىگىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇز، شېكەرنى ئاز قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.
ياڭاقنى كۆكتاتقا ئارىلاشتۇرۇپ يېسە بولىدۇ
ياڭاقنى بىۋاسىتە يېگەندىن باشقا، ياڭاقنى كۆكتاتقا ئارىلاشتۇرۇپمۇ يېسە بولىدۇ، بۇنىڭ ئۇسۇلى، مەسىلەن، شىلەنخۇا، سۆسۈن كاللەكبەسەي بىلەن بىللە كۆكتات سالات تەييارلاپ ياكى گۈرۈچ تامىقى ئەتكەندە بىر سىقىم سېلىپ، ھەم مەززىلىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ياڭاق تامىقى ئېتىش ئارقىلىق ھەم يېمەك - ئىچمەكنىڭ ئاددىي بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى، ھەم ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى