خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ياۋروپا كارخانىچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقى يېڭى پۇرسەتكە يۈزلەندى. ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، سودا ھەمكارلىقى خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ئۆزئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، ئېنېرگىيە بايلىقى مول، ئادىمىيەت بايلىقى كۆزنى چاقنىتىدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى سىجىل زورىيىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، كۈنسېرى تولۇپ تاشقان تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى نامايان بولدى، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولدى. ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ ياۋروپا كارخانىچىلىرىنىڭ كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈش، ئالماشتۇرۇشتا بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.
ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ئالمۇدېنا مۇنىئوس قاتارلىق كارخانىچىلار سۆز قىلىپ، ئۆز كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، رايون بۆلەك زەنجىرى، مەدەنىيەت - سەنئەت، ساياھەت، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇشتا، ئاساسلىقى ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ قېتىمقى سەپەر ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ سودا ئالاقىسى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاڭ جيەنشىن، جۇ لىفەن، جىن جىجېن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.