ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ پىلانلاندى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجوۋ بىجيې شەھىرىنىڭ چيەنشى شەھىرىدىكى ساياھەت كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسى ۋە لياۋنىڭنىڭ لياۋياڭ شەھىرى بەيتا رايونىدىكى ئاشخانىدىكى ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەمدە مەملىكەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى يىغىنىنىڭ تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى توغرىسىدا ئۇدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھادىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كان، يول قاتنىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، شەھەر - بازار يېقىلغۇ گازى، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق يامغۇر، كەلكۈن، تاغ گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق ئاپەتلەردىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ھەم جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ باسقۇچلۇق تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى ئىلمىي ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق، ھەل قىلغۇچ ئامىلنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، خاس، ئەۋزەل، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش تۈپ قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلان ۋەزىپىسىنى كونكرېت خىزمەت ۋە تۈرلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھازىرقى خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار ۋە ياش خىزمەتچىلەرنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇرۇپ، بىزنىڭ ياشلار خىزمىتى ۋە غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ ياشلارنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھنىدە چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە، تۆھپە قوشۇش - نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ نۇقتىلىق رايون، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە بېرىپ ئەمەلىي چېنىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە غەمخورلۇق قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىرادىلىك ياشنى شىنجاڭدا قېلىپ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى سىجىل ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، مەركەزلىك تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېلو ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلىشىگە، پائال نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى كۈچەيتىپ، تۈزەش خىزمىتىنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىيىن مەسىلە، توسۇق نۇقتىلارنى چۆرىدەپ نىشانلىق تەدبىر قوللىنىپ، بىخ ھالىتىدىكى، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تۈزىتىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش - ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رولىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارى، كەسپىي ساپاسى، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ ئىشلەش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەسئۇل بولۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپلەر توپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلىرى تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ھەقىقىي دەل جايىدا تېپىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل مەدەنىيەت كەسىپ زەنجىرى، ئەۋزەل ساياھەت كەسىپ زەنجىرى، ئەۋزەل تەنتەربىيە كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە خاس كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن مەدەنىيەت - ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.