تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۇلۇغ دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «تىنچلىقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، دەۋر يېڭى سەھىپىسى − جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش جۇڭگو - رۇسىيە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

جۇڭگو ۋە رۇسىيەدىكى ھەر ساھە زاتلار مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇلۇغ دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇھىم رېئال ئەھمىيىتى مۇپەسسەل بايان قىلىندى ھەم سەمىمىي ئۈمىد ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئاممىغا يېقىن بولغان، ھارارەتكە تولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى رەڭدار تۈس قوشتى.

ئورتاق تارىخىي ئەسلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاش

شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچ، موسكۋادىكى رۇسىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ پاشكوۋ سارىيى زالىدىكى پائالىيەت نەق مەيدانى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلغاندا، رۇسىيە چوڭ ئاسىيا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىستانسا باشلىقى لېبېدېف ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پات - پات بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقلىشىش» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە يەتكۈزۈلگەن مۇھىم ئۇچۇر. رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە «ئورتاق» دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى − «بىرلىكتە ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشۇش» «ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى» «ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇرچنى ئورتاق زىممىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، بۇنىڭغا نىسبەتەن تەسىراتىم ناھايىتى چوڭقۇر بولدى.

«بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. 80 يىل ئىلگىرى، بىز ئىككى دۆلەت زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنىدۇق.» لېبېدېف مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ غەلىبىنى خاتىرىلەش قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن. «بۇ مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنيادا، بىز پەقەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشساقلا، ئاندىن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرالايمىز».

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدىكى 80 يىل ئىلگىرى جۇڭگو - رۇسىيە خەلقىنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ فاشىزمغا زەربە بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلار رۇسىيە پۈتۈن رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە - رادىيو شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دوبروۋېيېفتا كۈچلۈك ئورتاق تونۇش پەيدا قىلدى. ئۇ پائالىيەت نەق مەيدانىدا مۇنداق دېدى: «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى بىزنى زىچ باغلىدى. 80 يىل ئىلگىرى، ئەجدادلىرىمىز مۆلچەرلىگۈسىز ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان يوقىتىشقا بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىرىدا ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى».

جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئورتاق تارىخىي ئەسلىمە جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى مۇھىم يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغداپ، ئۇلۇغ دوستلۇققا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ياۋروپا - ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى زىگو مۇنداق دېدى: 2025 - يىلى دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋەزىيەتتە تېز ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان مۇھىم بىر يىل. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ئۇلۇغ دوستلۇقنى قەدىرلىگەنلىكى ھەم تارىخنى ئەينەك قىلىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش ياساشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ئىپادىلەندى.

خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش ئۇرۇقىنى چېچىش

رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

پائالىيەتكە قاتناشقان رۇسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ليۇبىموۋا مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىنى يۈكسەك قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى مىسلىسىز كۆلەمدە كېڭەيمەكتە. ئىككى دۆلەت بىرلىكتە كىنو، كارتون فىلىم قاتارلىق كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سەھنە سەنئىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى، ئۆزئارا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ ئىككى تەرەپنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى، بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.» ليۇبىموۋا ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى جۇشقۇن قانات يايدۇرۇشى ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىشنى كېڭەيتىشكە پۇختا ئاساس سېلىپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەندى.

2024 − 2025 - يىلى جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق جاكارلىغان «جۇڭگو - رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى» بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە ئىشلىگەن «قىزىل يىپەك» ناملىق كىنو «جۇڭگو - رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى» رامكىسىدىكى مۇھىم تۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىنونىڭ رۇسىيە تەرەپ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بېركىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى ياش بىر ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشى، بولۇپمۇ ياشلار تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان تىل بىلەن ئىپادىلىشى كېرەك، بۇنىڭدا كىنو تىلى مۇھىم ۋاسىتە. كىنو جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنى مۇستەھكەملەش، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

موسكۋا داشۆ ئاسىيا - ئافرىقا شۆيۈەنىنىڭ ئالىمى سىمېنيۇك مۇنداق بىلدۈردى: ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش بىز ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقىنى بىۋاسىتە كۈچەيتىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى قويۇق، كىتابلارنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش، ئۆزئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، بىرلىكتە مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

ساينت پېتېربۇرگ خۇسۇسىي تولۇقلاش مائارىپى كۇڭزى شەرق تىل - مەدەنىيەت شۆيۈەنى كۇڭزى دەرسخانىسىنىڭ چەت ئەل تەرەپ شۆيۈەن مۇدىرى جاڭ شۈنلى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدىكى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى مەدەنىيەت ھالقىغان چۈشىنىشنىڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر، ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش بىر - بىرىنىڭ ھېكايىسىنى ھېس قىلىش، ھېسسىياتىنى يېقىنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ھەم بىر تەرەپلىمە قاراشنى تۈگىتىپ، ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا تىرەك بولىدۇ. خەلق رايى تۇتاشقاندا، ھەمكارلىق تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ؛ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالغاندا، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى بولۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش ئۇرۇقىنى چاچتى.

جۇڭگو يېزىقىدىكى ئەسەر ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، قوشۇمچە باش ئىش بېجىرگۈچىسى جاڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى: دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق قەلبىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق، رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىدە، ھەرقانداق دۆلەت، مىللەت ئەدەبىيات، تىياتىر، كىنو - تېلېۋىزىيە، ساياھەت، مەززىلىك تائام قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ۋە ۋاسىتە ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق. خەلق ئاممىسىنىڭ بىر - بىرىنى ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە بىر - بىرىگە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىياسىي، ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاساسى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەدەبىيات ساھەسى، سەنئەت ساھەسى، نەشرىيات ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشى كۆپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىمۇ ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا تارتقان سۈرەتلىرىنى، قىسقا سىنلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار قارشى تەرەپ دۆلىتىدە خۇشال - خۇرام ساياھەت قىلىۋاتقان، ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان، ئۆگىنىۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلغان بولۇپ، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دوستانە ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى.

پائالىيەتكە قاتناشقان جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى رايون دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە تارقىتىش تەتقىقات ئورنى رۇسىيە تارقىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جيا لېرۇڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسى. ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى، كەلگۈسىدە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئىشىنىمەن.

جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى رەڭدار تۈس قوشۇش

رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇرچنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئاممىغا يېقىن بولغان، ھارارەتكە تولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۆپ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى رەڭدار تۈس قوشۇشىنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رۇسىيە خەلق دوستلۇقى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى تىموفېيېف بۇ ھەقتە مۇنداق بىلدۈردى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق تارىخىي ئەسلىمىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئاخبارات خەۋەرلىرى ئارقىلىق دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. «رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرى قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، كېيىنكىلەرنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىي ئەسلىمىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، دۇنيانى تارىخىي ساۋاقلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش جەھەتتە غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى».

رۇسىيە دېڭىز ساھىلى تاراتقۇ تورىنىڭ بىرلىكتە قۇرغۇچىسى مىگۇنوف مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاراتقۇلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئارىلىقى يېقىنلىشىپ، چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئابستراكت بەلگە ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىلىك تەسىراتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىنىڭ پۇختا ئاساسى.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم، رۇسىيەدە ئۇزاق يىل تاراتقۇ كەسپى ۋە جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» ياۋروپا - ئاسىيا تاراتقۇلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، رۇسىيە تاراتقۇ + تور جۇڭگو تىل - يېزىقى دەرسخانىسىنىڭ لىدىرى نيۇ خۇاۋېي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدىكى كەسىپداشلارنىڭ ئورتاق قوللىشىدا، تاراتقۇ + تور جۇڭگو تىل - يېزىقى دەرسخانىسى كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ، ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرىگە قالتىس مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. «كەلگۈسىدە بىزنىڭ جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى رەڭدار تۈس قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز بار».

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن پۈتۈن رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە - رادىيو شىركىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئاسىيا - ياۋروپا باش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ۋاڭ بىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى جۇڭگو - رۇسىيە تاراتقۇلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق خادىملارنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى ۋە ئىلھاملاندۇردى. «بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدىكى تەلەپ بويىچە، رۇسىيەدىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئاممىغا يېقىن بولغان، ھارارەتكە تولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كۆپ قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېسىل كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.