تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە 2-تۈركۈمدىكى مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن كۇچا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى تاللاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، رەستە تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، «مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىش + يېزا-كەنت ساياھىتى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى قوغداشنى خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا، قول ھۈنەرخانا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش تۈرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

«1-ماي» مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر كۈسەن تار كوچىسىدا ئارتىسلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا. جاڭ بىن فوتوسى
كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ شيەنجى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولى، چوڭ-كىچىك لۇڭچى كۆلى، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى قاتارلىق ساياھەت بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولى لىنىيەسى بويىدىكى يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى يۈرۈشلۈك كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ساياھەت ئالتە ئامىلى تولۇق، تەبىئىي مۇھىتى گۈزەل، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان يېزا-كەنت ساياھىتى توپلانما بەلبېغى بەرپا قىلدى.

«1-ماي» مەزگىلىدە، يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر كۈسەن تار كوچىسىدا تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە. جاڭ بىن فوتوسى
كۇچا شەھىرىدىكى چېقىپ قايتا قۇرماستىن «بېزەش» ماھارىتى بىلەن بەرپا قىلىنغان كۈسەن تار كوچىسى شۇ جايدىكى مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىدىكى مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. «< 1-ماي >لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۈسەن كىچىك كوچىسى 60 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال خىراجىتى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن بولدى» دېدى كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ئايگۈل راخمان.

«1-ماي» مەزگىلىدە، كۈسەن كىچىك كوچىسىدىكى ئارتىسلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ساماۋار ئۇسسۇلىنى ئورۇنلىماقتا. جاڭ بىن فوتوسى
«مايتاغ-كۇچا 1-كەنتى» دەپ نام ئالغان كۇچا شەھىرىنىڭ ئاغى يېزىسى كاڭ كەنتى يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىش ئارقىلىق، خاس يېمەك-ئىچمەكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدىلا «ساياھەت تامىقى» يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئاغى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جەنسەي مۇنداق دېدى: كاڭ كەنتى نۆۋەتتە يېمەك – ئىچمەك، قونالغۇ، ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن تەمىنلەش، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك بىرىكمە تىپتىكى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قۇردى، يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، كەلگۈسىدە تەۋەلىكىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى بىرىكتۈرىمىز. مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا پىيادە مېڭىش، تاغدا ۋېلىسىپىت مىنىش، جىلغىدا قىياغا يامىشىش قاتارلىق تۈرلەر بەرپا قىلىنىپ، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئېچىلىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماندا دالىدا قونۇش ئورنى قۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىكلەشكەن يېڭى ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى قېزىپ چىقىمىز.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخەنزە شەھىرى مەدەنىيەت-ساياھەت تۈر قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، قار-مۇز ساياھىتى، خاس يېمەك-ئىچمەك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلىۋى مېھمانخانا، يېزا-كەنت ساياھىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، «مەدەنىيەت-ساياھەت+سانائەت» «مەدەنىيەت-ساياھەت + مائارىپ -تەتقىقات-ئۆگىنىش» «مەدەنىيەت-ساياھەت + يېزا-كەنت» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەدەنىيەت، ساياھەت، سودىنىڭ ساھە ھالقىپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تىزىملىكىگە قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى، كورلا شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى تاللانغان.