تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ چىماسەن مەكتەپ رايونىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ  1800 ئوقۇش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن «ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش رامكا كېلىشىمى»نى رەسمىي ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ چىماسەن مەكتەپ رايونىنى ئورتاق قۇرىدۇ. بۇ مەكتەپ رايونى پۈتكەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئاممىنى 1800 ئوقۇش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مائارىپ بايلىقى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، قۇرۇلۇۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ چىماسەن شۆبە مەكتىپى 2027-يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ چىماسەن شۆبە مەكتىپىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ باشقۇرۇش كوللېكتىپى، تايانچ ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئالدىنقى قاتاردىكى مائارىپ ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا سېلىپ، شۆبە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، دەرسلىك تەتقىقاتى قاتارلىق يادرولۇق خىزمەتلىرىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، «داڭلىق مەكتەپ+» ئەندىزىسى ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 18 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى دېرۇن كوچىسىنىڭ جەنۇبى، قاناس كۆلى يولىنىڭ شەرقى بۆلەك رايونىغا جايلاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە قۇرۇلۇش 2026-يىلى تاماملىنىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى «داڭلىق مەكتەپلەر بىرلىشىپ قۇرۇش» «بايلىقنى يۇغۇرۇش» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىپ، پەلەمپەيسىمان جىپسىلاشتۇرۇلغان مائارىپ سېپىنى شەكىللەندۈردى. بۇ تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى چىماسەن بۆلەك رايونىدا ئوقۇش ئورنى بىلەن تەمىنلەش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، شەھەر مائارىپىنىڭ ئىقتىدار ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايوننىڭ ئاساسىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.