تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى تۇنجى قېتىم جۇڭگو-ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ چېگرادىن چىقتى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ)  مۇخبىرنىڭ قورغاس تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، 17 توننا ئېغىرلىقتىكى جەمئىي 1038 خالتا خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى قاچىلانغان جۇڭگو-ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتىدا چېگرادىن چىقتى، ئاخىرىدا قازاقىستاننىڭ بروندەي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو-ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ چېگرادىن چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.

 تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى قاچىلانغان جۇڭگو-ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى قورغاس تۆمۈريول پورتىدا چېگرادىن چىقتى.

زەينۇللا ئازات فوتوسى

    بۇ نۆۋەتچى پويىز 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىن يولغا چىققان بولۇپ، ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى قاچىلانغان، پۈتۈن مۇساپىگە تەخمىنەن ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئارقىدىن بۇ پوچتا يوللانمىلىرى ياۋروپادىكى 20 نەچچە دۆلەتكە بۆلۈپ تارقىتىلىدۇ.
    بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشى ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى تىرانسپورتىنىڭ تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە بىلەن تولۇق قاپلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    قورغاس بوباۋ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي مەسئۇلى لى زېۋېي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى ئاساسلىقى ھاۋا تىرانسپورتىغا تايىناتتى، تەننەرخى يۇقىرى، توشۇش مىقدارى چەكلىك ئىدى. تۆمۈريول تىرانسپورتىدا ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى تۆۋەنلەپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ مال قاچىلاپ توشۇغىلى بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.