تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

خەيرلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى | بەدىنىڭىز ئاجىز بولسا بۇ ئورۇننى بوش شاپىلاقلاپ ئۇرۇپ بەرسىڭىز، قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلىنىدۇ

     سۈرەت يەشمىسى:

      خەيرلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى | بەدىنىڭىز ئاجىز بولسا بۇ ئورۇننى بوش شاپىلاقلاپ ئۇرۇپ بەرسىڭىز، قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلىنىدۇ

   شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4-دوختۇرخانا(ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) ئۇۋۇلاپ داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى  ياڭ لۇڭجياڭ

    بىلەك ئويمىنىغا بوش ئۇرۇش: يۈرەك ۋە ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈرەك بىلەن نېرۋىنى ئاسراپ تىنچلاندۇرىدۇ

   قولتۇققا بوش ئۇرۇش: جىگەر ۋە يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۆڭۈلنى ئازادە قىلىدۇ 

   چات يېرىقچىسىغا بوش ئۇرۇش: تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ

   تېقىم ئويمىنىغا ئۇرۇش: بۆرەكنى ئاسراپ ۋە كۈچەيتىپ، بەل ۋە مۈرە سىقىراپ ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ

   بۇ ئۇسۇللار كۈندىلىك ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

   ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۇدا ئۈچ ئاي سىجىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى كۈزىتىش كېرەك.

   ئەگەر بەل-دۈمبە داۋاملىق سىقىراپ ئاغرىش، يۈرەك سېلىش، نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە

   ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش، ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ بار-يوقلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.


   بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىنى بوش شاپىلاقلاپ ئۇرۇش ئۇسۇلى جۇڭگو تېبابىتىنىڭ جىڭلو نەزەرىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئالاھىدە رايوننى غىدىقلاش ئارقىلىق قان ۋە قۇۋۋەتنى تەڭشەپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

     قان ۋە قۇۋۋەت ئاجىز بولسا قانداق تەڭشەش كېرەك؟

   شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4-دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) ئۇۋۇلاش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى ياڭ لۇڭجياڭ بۇ توغرىسىدا چارە كۆرسەتتى.

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلدى

   نازارەتچىلەر: چاۋ جىن،  ۋاڭ چۇنخۇا

    لايىھەلىگۈچى: چاۋ جىن

   بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى \ مەزمۇن تەييارلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.