تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

35 ئىلى ئېتى شىزاڭغا يولغا چىقتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، لىق ئات قاچىلانغان ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن شىزاڭغا قاراپ يولغا چىقتى، 35 ئىلى ئېتى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى چەۋەندازلار كوماندىسىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان «غوللۇق ماھىر»لار بولۇپ قالىدۇ.

  5-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر ئىلى ئېتى شىزاڭغا قاراپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا پائالىيەت مەيدانىدىن ئۆتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو فوتوسى

   2024-يىلى 7-ئايدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئات ئۈستى تۈرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ چەۋەندازلار كوماندىسى ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈردىكى ئالتۇن مېدالنى ئىلى ئېتىنىڭ ياردىمى بىلەن قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ چەۋەندازلار ئەترىتى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە يەنە 50 ئىلى ئېتى زاكاز قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 35 ئات بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك چەۋەندازلىق مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، قالغان 15 ئات ئادەتتە مىنىدىغان ئات بولىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدىكى 15 ئات مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا چىققان، شۇ كۈنى يولغا چىققان 35 ئات ئۈچ كۈندىن كېيىن لاسا شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ.
   بۇ يىل ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، «ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى(2025-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلىپ، ئېسىل ئات نەسىللىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، ئات بەيگىسى ئارقىلىق يېتەكلەش ھەرىكىتى، ئات مەدەنىيىتى-ساياھەتچىلىك يۇغۇرما تەرەققىياتى ھەرىكىتى قاتارلىق «بەش چوڭ ھەرىكەت»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئاتچىلىق كەسپى ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى ئېتى كەسپى تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلى ئېتىنىڭ نەسلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىلى ئېتىنىڭ «ھارماي چېپىشى، كۈچىيىشى، سىرتقا چىقىشى»غا تۈرتكە بولۇپ، ئىلى ئېتى داڭلىق ماركىسىنى زورايتتى ۋە كۈچەيتتى.
  شىنجاڭ ئاتچىلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئاتچىلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ياۋ شىنكۇي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاتچىلىق كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، چەۋەندازلىق كۇلۇبى، چەۋەندازلىق ئەترىتى، بەيگە مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلار شىنجاڭ ئېتىنى تاللاپ سېتىۋالدى، بولۇپمۇ ئىلى ئېتىنىڭ قوزغىلىش كۈچى ۋە چىدامچانلىقى بازارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى. 2024-يىلى، 34 مىڭ 500 شىنجاڭ ئېتى سىرتقا سېتىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.