تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش مەقسىتىدە، 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-شىنىڭ-چاڭشا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، بۇ، ئۈرۈمچى، شىنىڭ، چاڭشادىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى يولۇچىلارنى تېخىمۇ قولايلىق سەپەرگە چىقىش تاللىشىغا ئىگە قىلىپ، رايونلار ئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلىدىغان ئۈرۈمچى-شىنىڭ-چاڭشا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئايروبوس A320 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، پىلان بويىچە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە GS7501 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، شىنىڭدا توختىغاندىن كېيىن سائەت 16دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە GS7502 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 17دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، شىنىڭدا توختىغاندىن كېيىن سائەت 23تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ.

سۈرەتتە: تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. سۈرەتنى ياۋ تيەنلى تەمىنلىگەن