تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چارۋىچى ئاممىنىڭ ياخشى «مۇلازىمەتچىسى» بولىمەن

− جۇڭگو ياشلار 4 ـ ماي مېدالىغا ئېرىشكەن ئاسىلبېك توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىن چېگرا تېشىغىچە بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 21 كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە تاغ چوققىسىدىن ھالقىپ، داۋاننى كېسىپ، مۇز دەريادىن كېچىپ، ئاتلىق بېرىپ ـ كېلىپ چېگرانى چارلاشقا بىر كۈن ۋاقىت كېتەتتى. بۇنداق چېگرا چارلاش يولىدا، 37 ياشلىق ئاسىلبېك ئون يىل ماڭدى، چارلاش ئومۇمىي مۇساپىسى 120 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى.

ئاسىلبېك شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى بورتالا ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى دولانتى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى، ساقچى بولغاندىن بۇيان ئۇ تۈرلۈك جىنايى ئىشلار، ئامانلىق دېلولىرىدىن 200دىن كۆپرەكنى پاش قىلىپ، نۇرغۇن قاچقۇننى قولغا چۈشۈردى. چارۋىچىلارنىڭ قويلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن مۇز دەرياغا سەكرىدى، چارۋىچىلار يايلاق كۆچكەندە ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيا لازىمەتلىكلىرىگە قاراپ بېرىشكە ياردەملەشتى... خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، يېقىندا ئاسىلبېك جۇڭگو ياشلار 4 ـ ماي مېدالىغا ئېرىشتى.

2015 ـ يىلى دولانتى چېگرا ساقچىخانىسى قازان دەرياسى چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان، ئاسىلبېك ئىزچىل قازان دەرياسى ۋادىسىدىن ئايرىلىپ باقمىدى. ئۇ ئالاتاۋ تېغى بىلەن بېجىنتاۋ تېغىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىر كېلەتتى، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، دائىم بۆرىلەر توپى پەيدا بولاتتى، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان، ئوكسىگېن كەمچىل بولغان قار ـ شىۋىرغانلىق يوللار، تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قىيا يوللار، خەتەرلىك ئەھۋاللار كەينى ـ كەينىدىن يۈزبېرىدىغان قالايمىقان تاشلىق يوللار... چارلاش يولى قاتمۇقات خەتەرگە تولغانىدى.

قازان دەرياسى چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى قازان دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي ھەم دۆلىتىمىز بىلەن قازاقىستان چېگراسىنىڭ ئالدىنقى سېپى، ھەم بىڭتۇەن 5 ـ شى 88 ـ تۇەنىدىكى چارۋىچىلارنىڭ يازلىق يايلىقى ئىدى، قورغاس ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ قىشلاق ئورنىمۇ يېقىن ئەتراپتا ئىدى. ئاسىلبېك ۋە ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار، چېگرا قوغدىغۇچىلار ياشلىق جاسارىتىنى يىراققا تۇتىشىدىغان بۇ دەريا ۋادىسى بىلەن يۇغۇرۇپ، تەۋەلىكنىڭ ئامانلىقىنى مەھكەم قوغداپ، نۇرغۇن ئىللىق دەقىقىلەرنى قالدۇردى.

ھەر يىلى قىش كىرگەندىن باشلاپ كېيىنكى يىلى 5 ـ ئايغىچە، باشقا چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى يايلاق كۆچۈپ كېتىپ قالىدۇ، قازان دەرياسى ۋادىسىدا پەقەت ئۈچ ئائىلىلىك چارۋىچى قىشلاقتا چارۋا باقىدۇ، قايسار ئائىلىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. «قىشتا دەريا ۋادىسىدا ئادەم ئاز، تەبىئىي مۇھىت ناچار، ناۋادا جىددىي ئىش چىقىپ قالسا، ياردەمگە ئادەم تېپىشمۇ ئاسان ئەمەس، ھېلىمۇ ياخشى ئاسىلبېك بار ئىكەن» دېدى قايسار.

قايسارنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، بۇلتۇر 1 ـ ئايدا ئۇ ناھىيە بازىرىدىن چارۋىچىلىق مەيدانىغا قايتىپ كېلىۋاتقان يولدا قار ـ شىۋىرغانغا ئۇچراپ، ئاپتوموبىلى قېلىن قارغا پېتىپ قېلىپ ماڭالماي قالدى، ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇنجى بولۇپ كەلگەن ئادەم دەل ئاسىلبېك بولدى. ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى ئۇرۇشىغىلا ئۇلاندى، لېكىن پۈتۈن ئەتراپ ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغاچقا، قايسار ئاپتوموبىل قارغا پېتىپ قالغان ئورۇننى ئېنىق دەپ بېرەلمىدى.

«ئۇ دېگەن جاي بىر بۆلەك تاغ يولى، بىرقانچە ئەگىم بار، ئاپتوموبىللار شىۋىرغانلىق ھاۋارايىغا يولۇققاندا قاپسىلىپ قېلىشى مۇمكىن.» ئاسىلبېك دائىم تەۋەلىكنى چارلاپ زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا دائىم قۇم مودېلغا تىكىلىپ يەر شەكلىنى تەھلىل قىلىدۇ، ئۇ كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان «تىرىك خەرىتە». ئۇ ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى گۈرجەك، ئارقان قاتارلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش جابدۇقلىرىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىشقا تەشكىللەپ، قايسارنىڭ ئاپتوموبىلى قارغا پېتىپ قالغان جاينى ناھايىتى تېزلا تاپتى.

ئاسىلبېك چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ بالىسى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ چارۋىچىلىق رايونىدا چوڭ بولغان، كېيىن يەنە چارۋىچىلىق رايونىغا بېرىپ ساقچى بولدى، ئۇ تاسادىپىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ داۋالاش بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەنىدى.

2022 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى ئەتىگەندە، چارۋىچى جاقپىنۇر ئاسىلبېكقا تېلېفون بېرىپ، تىت ـ تىت بولغان ھالدا: «ئېتىمىز ئۇدا نەچچە كۈن ئوت يېمەيدىغان بولۇپ قالدى، ھازىر ئورنىدىن تۇرالمايۋاتىدۇ، تېز كېلىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقسىڭىز» دېدى.

ئاسىلبېك ئېغىلىغا كىرىپلا، ئاتنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى، بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ توختىماي يۆتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. تەپسىلىي سوراش ئارقىلىق ئاسىلبېك دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ئات زۇكام سەۋەبىدىن ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ھۆكۈم قىلدى. ئارقىدىن، ئۇ ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى بىر مال دوختۇرى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلىپ، سىندا بىللە دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق مال دوختۇرى ئاسىلبېكنىڭ ھۆكۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ھەم دورا يېزىپ، دورىنى چارۋىچىلىق رايونىغا يەتكۈزۈپ بەردى. كېيىن، ئاسىلبېك جاقپىنۇرغا ئاتقا ئوكۇل سېلىشنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى، قايتا ـ قايتا ئۆگەتكەندىن كېيىن ئاندىن قايتتى.

قازان دەرياسى ۋادىسى ناھىيە بازىرىدىن يىراق بولۇپ، تۇرمۇش يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. ئاسىلبېك ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنى چەت، يىراق چېگرادىكى «تۇرمۇش مۇلازىمەت پونكىتى» قىلىپ بەرپا قىلدى، ئۇ چارۋىچى ئاممىنىڭ «تېز يەتكۈزگۈچىسى» «مۇلازىمەتچىسى»گە ئايلاندى، ئەتراپتىكى ئامما ئالدىراۋاتقان ئىشلار، قىينىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى ياردەمگە چاقىرىدىغان بولدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاسىلبېك ئاممىنىڭ جەمئىي 3800دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، 400 قېتىمدىن ئارتۇق دوختۇرخانىغا ئاپاردى، دورا يەتكۈزۈپ بەردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋىچىلارغا 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، ئاممىنىڭ 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

ئاسىلبېكنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش روھى تەۋەلىكتىكى يۇرتداشلارنى تەسىرلەندۈردى، شۇنداقلا ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرىنىمۇ ئىلھاملاندۇردى. دولانتى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ليۇ خاڭ مۇنداق دېدى: «ئاسىلبېك بىزنىڭ ئۈلگىمىز، مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەستايىدىللىق بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ ـ دەريالىرىنى ۋە خەلقنى قوغداپ، كۈرەش قىلىش ھالىتىم بىلەن ياشلىق باھارىمنى ئۇرغۇتۇپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، ياشلىق باھارىمغا يۈز كېلەلەيدىغان بولىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.