تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاددىي كىشىلەر پۈتۈپ چىققان ئېكولوگىيە داستانى

□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

41 يىل، 800 مىڭ تۈپ كۆچەتتىن بەرپا قىلىنغان يېڭى يېشىللىق! فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن «ھالاكەت دېڭىزى» گىرۋىكىدە ھاياتلىق فورمۇلاسىنى پۈتۈپ چىقتى. بۇ ئاددىيلا قۇم تىزگىنلەش ھېكايىسى ئەمەس، بەلكى ئاددىي كىشىلەر قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى ئارقىلىق رەھىمسىز قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرغان ئېكولوگىيە داستانى، ئۇ، قۇم تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىش مۆجىزىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

تەكلىماكاندىكى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان توختىماي ھۇۋۇلداپ چىققان قۇم - بوران خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرى خارمۇدۇن كەنتىنىڭ ئىلگىرىكى قاقاسلىشىپ كەتكەن ھالىتىنى رەھىمسىزلەرچە سۈرەتلەپ بېرىدۇ. فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن بىر ئۆمۈر ۋاقىت سەرپ قىلىپ سېرىق قۇم بېسىپ كەتكەن جاينى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. 158 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتى، قۇم - شېغىلدا تىرەن ئۆسكەن يىلتىز سىستېمىسى تۇپراقنى مۇستەھكەملەپلا قالماي، «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» دەيدىغان چوڭقۇر ئەقىل - پاراسەتكە تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

بۇ، زامان - ماكان ھالقىغان ئېكولوگىيەنى چىڭ ساقلاشتا تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەيسەر، تىز پۈكمەيدىغان روھىي پەزىلىتى نامايان قىلىنغان. قەدىمدە يۈگۇڭ جاپالىق ئىشلەپ بوز يەر ئېچىپ تەيخاڭشەن تېغىنى يۆتكىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئىرادىلىك كىشىلەر يېشىللىق بەرپا قىلىپ قۇم تىزگىنلەپ ماكانىنى قوغدىماقتا. فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن تەيخاڭشەن تېغى، ۋاڭۋۇئېرشەن تېغىغا دۇچ كەلمىگەن بولسىمۇ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئېگىز تاغلار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان يېرىم كۆچمە قۇم بارخانلىرىغا دۇچ كەلدى. قۇم - بوراندا، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن چۆلدە يىلتىز تارتقان توغراققا ئوخشاش «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىقى بىلەن بىر ئۆمۈر قۇم - بوران بىلەن ئېلىشتى. بۇ خىل قەتئىي بوشاشمايدىغان روھتا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان كۈرەش قىلىش گېنىغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى تېخىمۇ نامايان قىلىندى. فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېتىقادنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئىرادىدىن قايتمىغاندىلا، چۆللۈكتە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

بۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان ئېكولوگىيە جاۋاب قەغىزىگە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى چوڭقۇر ئەقىل - پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن. فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرىدىغان يېشىل توسۇق بەرپا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە مەڭگۈ قۇرۇمايدىغان «يېشىل بانكا» قۇرۇپ، ئەۋلادلار ئۈچۈن گۈزەل كەلگۈسىنى زاپاس ساقلىماقتا. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تىككىنى نۇرغۇن كۆچەت بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قىممىتى ئاشىدىغان نۇرغۇن «ئېكولوگىيە ئامانەت پۇل تالونى». قوغدىلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ مۇستەھكەم توسۇقى، يىلتىز سىستېمىسىدىن توقۇلغان قۇم تۇراقلاشتۇرۇش تورى قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرۇشتىكى يېشىل سۇغۇرتا، ياخشىلانغان تۇپراق ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان يېشىل مۈلۈك. قارىماققا تىنچ كۆرۈنىدىغان بۇ ھاياتلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «قوش پايدا ئۈنۈمى» بىلەن ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە سىجىل يېشىل قۇۋۋەت قوشماقتا. فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تاللاش ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول.

بۇ مەردانە ئېكولوگىيە ناخشىسى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىمەكتە. فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان ئورمان دېڭىزىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى، باھار شامىلىدا چىققان يېڭى بىخلار، ياز يامغۇرىدا غول تارتقان شاخلار، كۈز ئاپتىپىدا ئالتۇن رەڭگە كىرگەن يوپۇرماقلارنىڭ ھەممىسى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ھاياتىنىڭ داۋامى. دادىسى فۇ جىجوۋنىڭ «مىليون تۈپ دەرەخ تىكىش» ئارزۇسىنى تاماملاش ئۈچۈن ئىرادە باغلىغان فۇ گوشى، «ئارمىيەدىن چېكىنسىمۇ خىسلىتىنى يوقاتمىغان» چەرچەن ناھىيەسىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر قۇم تىزگىنلەش ئەترىتى، بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ «چېڭباڭ سۆگىتى»نى يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋاڭ چېڭباڭ، تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىنى قاشالىغان ھەر مىللەت يېشىللىق قوغدىغۇچىلىرى... مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن «فۇ جىجوۋ»لار شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە ھېكايىسىنى كۈچ ئۇلاپ پۈتمەكتە. ئۇلار يىل ھالقىسى ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۆلچەپ، ھاياتى ئارقىلىق يېشىللىقنى قوغداپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا «نەزمىنامە»دىكى «يېشىل بامبۇكلار بۈك - باراقسان ئۆسكەن» مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلدى.

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىپ ئېكران ئاشۇ زۇمرەتتەك يېشىل دولقۇننى سىيپاپ ئۆتكەندە، «كىشىلەر تەبىئەتكە يۈز كېلەلىسە، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنى نائۈمىد قويمايدۇ» دېگەن ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىگە ئىزاھات بېرىلدى. فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن ھاياتى ئارقىلىق بەرپا قىلغان بوستانلىققا قايتا نەزەر سالساق، بۈك - باراقسان ئۆسكەن ئورمانلىقنى كۆرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە بولغان بوشاشماس ئىنتىلىشى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېشىل تەرەققىياتقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇندىن بايراقنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قەدەملىرىمىز ئارقىلىق ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.