□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ساۋ خۇا، سۇڭ ياۋېن
4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرىنىڭ خارمۇدۇن كەنتىدە، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې چىپېڭ كەنت ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى سارىيىنىڭ ئەينەكلىك كۆرگەزمە ئىشكاپىنى يېنىك سۈرتكەچ، كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ بىزگە كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى يېشىل سەددىچىن سېپىلى مېدالى ئىگىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.
«1983 - يىلى باش باھاردا، فۇ تاغام ئۆيىدىكى يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسىگە كۆچەت سېتىۋالدى، كەنتتىكىلەر ئۇنى <پۇلىنى خەجلەيدىغان يەر يوقتەك، ھەممىسىنى قۇملۇققا چېچىۋەتتى> دەپ مىيىقىدا كۈلۈشكەنىدى.» خې چىپېڭ دېرىزە سىرتىدىكى تۇتاش كەتكەن تېرەكلىكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ھازىر كىم شۇنداق دېيەلەيدۇ» دېدى.
ئەينى يىلى، خارمۇدۇن كەنتىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئاران %3 بولۇپ، %70 تېرىلغۇ يەر قۇم - بوراننىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇراتتى، كىشى بېشى يىللىق كىرىم 1000 يۈەنگە يەتمەيتتى، قۇم - بوران ئېتىزلارنى يالماپ كەتكەچكە كەنت ئاھالىلىرى كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالاي دېگەنىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %70كە يەتتى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 7000 مودىن 13 مىڭ موغا كۆپەيدى. 2024 - يىلى، كەنتنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 28 مىڭ 600 يۈەنگە يەتتى، لازا ۋە تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارگۈلى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.
«ئەينى يىلى ئۇ كۆچەت تىكىشكە باشلىغاندا، ئۇنى چۈشىنىدىغان ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى. ھازىر، ئۇنىڭ ئارزۇسى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە كۈرەش نىشانىدۇر» دېدى خې چىپېڭ.
ھاياتلىق ئۈچۈن ئىزدىنىش، كۆچەت تىكىپ ئېتىزلارنى قوغداش
فۇ تاغا دەل فۇ جىجوۋ بولۇپ، 1943 - يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشۈ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.
1965 - يىلى، 22 ياشلىق فۇ جىجوۋ دۆلەتنىڭ چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خوتۇنى چېن ئەيلەن بىلەن خارمۇدۇن كەنتىگە كەلدى. ئەينى چاغدا كەنتتە بىرنەچچە ئېغىز كېسەك ئۆيلا بار بولۇپ، چۆللۈكتە تەنھا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، فۇ جىجوۋغا بىر ئېغىز ئۆي، بىر قازان، بىر كەتمەن تەقسىم قىلىندى، بۇ، يېڭى ئۆينىڭ بارلىق بىساتى ئىدى.
قاقاسلىق فۇ جىجوۋنى قورقۇتالمىدى، ئۇ بۇ يەردە يىلتىز تارتىشقا بەل باغلىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە فۇ جىجوۋ كەنتنىڭ بوغالتىرى بولدى، خوتۇنى چېن ئەيلەن دېھقانچىلىق قىلدى، ئىككىيلەن ئازغىنا كىرىمىگە تايىنىپ ئالتە بالىنى باقاتتى.
1983 - يىلى، كەنتتە يەر ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، فۇ جىجوۋ ئائىلىسىگە قۇملۇق بويىدىكى 40 نەچچە مو قاقاس يەر تەقسىم قىلىندى.
فۇ جىجوۋ تۇرمۇش ئۈمىدىنى يەر تېرىشقا باغلىدى، ئۇ بۇغداي ۋە قوناق تېرىدى، زىرائەتلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشى ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قەلبى خۇشاللىققا چۆمدى.
ئەمما، بىر كۈنى كېچىدە شىددەتلىك بوران چىقىپ، قۇم - بوران تۇيۇقسىزلا يېتىپ كەلدى. 2 - كۈنى سەھەردە، فۇ جىجوۋ ئېتىزغا كەلدى، كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈش ئۇنىڭ يۈرىكىنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىتتى: ياپيېشىل بۇغداي مايسىلىرى قۇم ئاستىدا قالغانىدى، بەزىلىرى ھەتتا يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغانىدى.
«ئادەم قۇمغا بوزەك بولسا بولمايدۇ! شۇ دەقىقىدە، دادام قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرۇشقا بەل باغلىغانىدى» دېدى 2 - ئوغلى فۇ گوشى ئەسلەپ.
20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا يېزىلاردا ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر يوق ئىدى، كۆچەتلەرنى ئەي قىلىش ئۈچۈن، فۇجىجوۋ كۆچەتنىڭ يىلتىز قىسمىدا كەتمەن بىلەن ئېرىقچە ئېچىپ، سۇ باشلاپ كۆچەتلەرنى سۇغارغان بولسىمۇ، لېكىن دائىم قاتتىق بوران چىقسىلا ئورەك تىنىپ قېلىپ، قايتا - قايتا ئورەك كولاشقا مەجبۇر بولاتتى، قۇم - بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە، يېڭىلا تىكىلگەن كۆچەتلەر يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ تاشلىناتتى.
فۇ جىجوۋ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ كۆچەتلەرنى قوغداش جېڭى قىلدى. «كىچىك ۋاقتىمدا، ھەر قېتىم قۇم - بوران كۆتۈرۈلگەندە باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرسە، مەن ئىنى - سىڭلىم بىلەن قۇملۇققا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاتا - ئانامغا ياردەملىشىپ قىڭغىر - قىيسىق بولۇپ كەتكەن كۆچەتلەرنى يۆلىشىپ بېرەتتۇق، قۇم - بوراندا نەچچە سائەت تۇرۇپ كېتەتتۇق» دېدى چوڭ قىزى فۇ شىمېي.
قۇم توپىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىن توپا تارتىپ ئەكىلىپ قۇم ئازگىلىغا تىندۇردى. فۇ جىجوۋنىڭ قوشنىسى يې شىڭرۇڭنىڭ ھازىرغىچە شۇ ئېنىق ئېسىدە، ھەر كۈنى تاڭ يورۇماستىلا فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن كالا ھارۋىسىنى ھەيدەپ توپا ئەكەلگىلى باراتتى، ھارۋىغا سۇ، موما ۋە تۇزلانغان سەي ئېلىۋالاتتى، بىر بېرىشىغا پۈتۈن بىر كۈن كېتەتتى. قاپقاراڭغۇ بولغاندىلا ئاندىن قايتاتتى.
«لاۋفۇ، بۇنچە جاپا تارتىپ نېمە قىلارسىز، قۇملۇقتا كۆچەت تىكىپ ئەي قىلغىلى بولارمۇ؟» فۇ جىجوۋنىڭ ئەتىگەندە چىقىپ كېتىپ كەچ بولغاندا قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قوشنىلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى چۈشەنمەيتتى، بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتاتتى.
كەم سۆز فۇ جىجوۋ ئەزەلدىن چۈشەندۈرمەيتتى، پەقەت كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتىپ: «ئەي بولىدۇ، ئەي بولىدۇ!» دەيتتى.
قۇم - بورانغا قارىماي كۆچەت تىكىپ، كالا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ قاراڭغۇدا ئۆيىگە قايتىپ كېلىدىغان فۇ جىجوۋنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان كۆچەت تىكىپ كېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېشىللىق كۆپىيىشكە باشلىدى، ھەربىر تۈپ ئاق تېرەك قاتار - قاتار بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلبېغىغا ئايلىنىپ، كۆلىمى 100 مودىن ئاشتى.
توسۇق بەرپا قىلىش، يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش
ھەربىر تۈپ ئاق تېرەكنىڭ تۇتىشىپ يېشىل كارىدورلارغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن فۇ جىجوۋ چوڭقۇر ئويغا پاتتى: «يالغۇز مېنىڭ ئائىلەمنىڭ يېرىدە ئىھاتە ئورمىنى بولسىلا بولمايدۇ، كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش چىقارساقلا، ئاندىن پۈتۈن ماكانىمىزنى قوغدىيالايمىز.» فۇ جىجوۋدا شامال چىقىش ئېغىزىدىكى شاخېزى رايونىغا بېرىپ كۆچەت تىكىپ، يېشىل توسۇق بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل بازارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئويى پەيدا بولدى.
2003 - يىلى، فۇ جىجوۋ ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، چوڭ تىپتىكى ماشىنا سېتىۋېلىپ، كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ ئوينى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن، ئالدى بىلەن خوتۇنى چېن ئەيلەن قارشى تۇردى. ئۇ چاغدا فۇ جىجوۋ 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بالىلىرىنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسپى بار ئىدى، ياشىنىپ قالغان ئىككىيلەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى. «ئاپام دادامنىڭ يەنە جاپا تارتىشىنى خالىمايتتى، چۈنكى كۆچەت تىكىپ، ئىككىيلەننىڭ بارماقلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى، يەنە كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكسە، جان بىلەن ئويناشقانلىق بولاتتى» دېدى فۇ گوشى دادىسى قالدۇرۇپ كەتكەن كەتمەننى سىلىغىنىچە كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا.
فۇ جىجوۋ بىر ئىشنى قارار قىلسا، ھېچكىم ئۇنى قارارىدىن قايتۇرالمايتتى. ئاخىرىدا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر يەنىلا قوشۇلدى.
فۇ گوشىنىڭ نەزەرىدە، دادىسى كۆپ گەپ قىلمىسىمۇ، بىراق يىراقنى كۆرىدىغان ئادەم ئىدى، ئادەتتە ئەڭ چوڭ قىزىقىشى رادىيو ئاڭلاش ۋە گېزىت كۆرۈش بولۇپ، دۆلەتنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى.
فۇ گوشى «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى تۇنجى قېتىم دادىسىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانىدى. ئەينى چاغدا، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى پۈتۈن مەملىكەتتە قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، خېجىڭ ناھىيەسىمۇ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇم تىزگىنلەشكە دائىر ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغانىدى، توك تارتسا، قۇدۇق قازسا قەرز پۇل ئالغىلى بولاتتى، يەنە سۇ ھەققى كەچۈرۈم قىلىناتتى.
فۇ جىجوۋ ئائىلىسى ئۆزى غەملەش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىش ۋە قەرز ئېلىش ئارقىلىق، بىر تىراكتور، ئۈچ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ رېمونت قىلىش، ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىش، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى تارتىشقا باشلىدى. كىچىك ئوغلى فۇ ۋېنپىڭ تىجارەت قىلىپ تاپقان پۇلىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى، 2 - كېلىنى خې يۈيەن ناھىيە بازىرىدىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، قېيىنئاتا - قېيىنئانىسىغا ئەگىشىپ كۆچەت تىكتى، پەرزەنتلىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەدەت بەردى.
ئاستا - ئاستا، يۇرتداشلار قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، كۆچەت تىكىشنىڭ ئېتىزلارنى ياخشى قوغداش، يۇرتىنى ياخشى قوغداشتىكى مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى، شۇنداقلا كۆچەت تىكىش قوشۇنىغا قوشۇلدى.
كەنت ئاھالىسى لى چېڭلياڭ فۇ جىجوۋنىڭ تۈرتكىسىدە، 2011 - يىلى 40 مودىن ئارتۇق يەرگە ئاق تېرەك كۆچىتى تىكتى. تۇرغۇن تۇرسۇننىڭ ھۆددە يېرى فۇ جىجوۋ ئائىلىسىنىڭ ھۆددە يېرى بىلەن قوشنا بولۇپ، ئۇ 2006 - يىلى كۆچەت تىكىشنى باشلاپ، بۈگۈنكى كۈندە 1500 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكتى.
ھازىر، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى 300 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى كۆچەت تىكىش قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، شاخېزى ئەتراپىدا 34 كىلومېتىر كېلىدىغان بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇم تىزگىنلەش يېشىل كارىدورى بەرپا قىلىپ، 158 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى قوغدىماقتا. خارمۇدۇن كەنتىدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 17 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتتى. ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى تەدرىجىي كۆپەيدى، بۇنىڭ بىلەن بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈنەرلىك ئازايدى.
ئەجدادلار تۆھپە قوشۇپ ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزۈش، 1 مىليون تۈپ كۆچەت تىكىش
بۈگۈنكى كۈندە، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرىدىكى شاخېزى چۆللۈكىدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، بۈك - باراقسان ئاق تېرەكزارلىقلارنىڭ تۇتىشىپ خۇددى يېشىل دېڭىزغا ئوخشاش ئۇزاققا سوزۇلۇپ ياتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يېشىل كارىدور كۆچمە قۇمنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاممىغا ھەقىقىي ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. كەنت ئاھالىلىرى ئەمدى قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىدىن ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان، لازا، گازىر تاۋۇزى، قوناق قاتارلىق ھەر خىل ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى خاتىرجەم تېرىيالايدىغان، يەنە ئورمان يېرىدىن پايدىلىنىپ توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنى باقالايدىغان بولدى.
فۇ جىجوۋنىڭ كۆچەت تىكىش ھېكايىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كىشىلەر ئۇنىڭ قەتئىيلىكىدىن تەسىرلىنىپ، يېقىملىق قىلىپ ئۇنى «قۇم دېڭىزىدىكى يۈگۇڭ» دەپ ئاتىدى.
2011 - يىلى، فۇ جىجوۋ ئاپتونوم رايون بويىچە ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالىنىپ، ئۇنىڭغا كۆكەرتىش مېدالى بېرىلدى. 2018 - يىلى، ئۇ خەلق سارىيىغا كىرىپ، مەملىكەت بويىچە «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ 40 يىللىقى يېشىل سەددىچىن سېپىلى مېدالىنى تاقىدى.
فۇ ۋېنپىڭنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، دادىسىنى ئەڭ خۇشال قىلغان ئىككى ئىشنىڭ ھەممىسى كۆچەت تىكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى، بىرى 2003 - يىلى ھاياتىدىكى تۇنجى تىراكتورنى سېتىۋالغاندا، خۇشاللىقىدىن كۈنبويى ئاغزىنى يۇمالماي قالغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، نەچچە ئون يىل ھەمراھ بولغان كالا ھارۋىسىنىڭ ئورنىنى تىراكتور ئالدى، دادىسى تىراكتورنى ھەيدەپ قۇملۇققا كۆچەت تىكتى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى؛ ئىككىنچىسى، خەلق سارىيىغا كىرىپ، يېشىل سەددىچىن سېپىلى مېدالىغا ئېرىشكەنلىكى بولۇپ، دادىسى بۇنىڭدىن كۆپ يىللىق تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈشنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.
«بېيجىڭدىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دادام يېشىل سەددىچىن سېپىلى مېدالىنى بوينىمىزغا بىر - بىرلەپ ئاستى. شۇ دەقىقىدە، مەن شەرەپلىك مېدالدا مېنىڭمۇ بىر كىشىلىك تۆھپەم بارلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنداقلا دادامنىڭ چىڭ تۇرۇپ كۆچەت تىكىشىگە مۇجەسسەملەنگەن ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈش سەمىمىي ھېسسىياتىنى تولۇق چۈشەندىم» دېدى فۇ ۋېنپىڭ.
بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ما خوۋچىن ئىلگىرى فۇ جىجوۋنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغانىدى. 2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ما خوۋچىن فۇ جىجوۋدىن مۇنداق سورىدى: «نۆۋەتتە قانچە تۈپ كۆچەت تىكتىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق پىلانىڭىز بار؟» فۇ جىجوۋ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن: «800 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكتىم، كېيىن كۆچەتلەرنىڭ سانىنى 1 مىليون تۈپكە يەتكۈزىمەن!» دېدى.
1 مىليون تۈپ كۆچەت تىكىش فۇ جىجوۋنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى ئارزۇسىغا ئايلاندى. ھەر يىلى ئەتىياز، كۈزدىكى كۆچەت تىكىش مەزگىلىدە، كىشىلەر ھەمىشە خارمۇدۇن كەنتىدىكى قۇملۇق گىرۋىكىدە فۇ جىجوۋ ئەر - خوتۇننىڭ كۆچەت تىكىۋاتقان سىيماسىنى كۆرەلەيتتى، يىللار بوۋاي - موماينىڭ قەددىنى پۈككەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆچەت تىكىش ئىرادىسىنى توسۇپ قالالمىغانىدى، ئۇلار ئەۋلادلىرىغا بىر پارچە يېشىللىق قالدۇرۇشقا قەسەم قىلدى.
قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈش، ئالاھىدە پارتىيە بەدەل پۇلى تاپشۇرۇش
ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا، فۇ جىجوۋنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى. لېكىن ئۇ ئىزچىل ئۆزىنى پەقەت بىر ئاددىي دېھقان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشالمىدىم دەپ قاراپ، پارتىيەگە كىرىش ئويىنى ئىزچىل قەلبىدە ساقلاپ كەلگەنىدى.
2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، فۇ جىجوۋ پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، 2023 - يىلى 11 - ئايدا رەسمىي ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولدى.
ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا فۇ جىجوۋ ئىزچىل ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتتى، دوختۇرخانا ئۇنىڭغا توزانلىق ئۆپكە كېسىلى دەپ دىياگنوز قويدى، بۇ ئۇنىڭ ئۇزاق مەزگىل قۇم - بوراندا كۆچەت تىككەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
«2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مەن دادامنى كۆرگىلى بارغىنىمدا، ئۇنىڭ تېنى ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەنىدى، ئۇ تۇنجى قېتىم كۆچەت تىككەن ئورمان بەلبېغىنى كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن بىر ئاپتوموبىل تېپىپ، دادامنى ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا كۆچەت تىككەن جايغا ئېلىپ باردىم» دېدى فۇ شىمېي.
«ئۇ چاغلاردا كۆچەت تىكىش نەقەدەر تەس ئىدى - ھە.» فۇ جىجوۋ ئاق تېرەكنى سىلىغىنىدا، خۇددى ياشلىقىغا قايتقاندەك بولدى.
«مەن ئۆلگەندىن كېيىن، جەسەت كۈلۈمنى ئورمان بەلبېغىغا چېچىۋېتىڭلار.» فۇ جىجوۋنىڭ تاپىلىغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ فۇ شىمېي ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
ئۆيگە قايتىپ كەلگەن فۇ جىجوۋ يەنە فۇ ۋېنپىڭنى يېنىغا چاقىرىپ كېلىپ، ئىشكاپتىن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل قويۇلغان ئامانەت پۇل كىنىشكىسىنى چىقاردى، بۇ، بوۋاينىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇلى ئىدى. فۇ جىجوۋ پۇلنىڭ يېرىمىنى چىقىرىپ پارتىيە بەدەل پۇلى سۈپىتىدە پارتىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇشنى، قالغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى كۆچەت تىكىشكە ئىشلىتىشنى قايتا - قايتا تاپىلىدى. «مەن پارتىيەگە كېيىن كىردىم، پارتىيەگە تۆھپە قوشالمىدىم، بۇ يىللاردا كۆچەت تىككىنىم ئۈچۈن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا نۇرغۇن شان - شەرەپلەرنى بەردى، مەن ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرالمىدىم، بۇ پارتىيە بەدەل پۇلى مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئازغىنا تۆھپەم بولۇپ قالسۇن» دېدى فۇ جىجوۋ.
2024 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، فۇ جىجوۋ كېسەل سەۋەبىدىن 81 يېشىدا ۋاپات بولدى.
دادىسىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، 2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، فۇ ۋېنپىڭ 51 مىڭ 666 يۈەننى چىقىرىپ خېجىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىگە تاپشۇرۇپ، ئالاھىدە پارتىيە بەدەل پۇلى شەكلىدە، دادىسىنىڭ «پارتىيە ئۈچۈن يەنە ئازراق ئىش قىلىپ بېرىش» ئارزۇسىنى ئورۇندىدى.
«دادام دائىم، ھاياتلا بولسام كۆچەت تىكىشنى توختىتىپ قويمايمەن، دەيتتى. كىچىك ۋاقتىمدا چۈشىنەلمەيتتىم، كۆڭلۈمدە بۇنچە كۆپ كۆچەت تىكىپ نېمە قىلىمىز، دەپ ئويلايتتىم، دادام كۆچەت تىكىش پۇلنى <يېشىل بانكا>غا ئامانەت قويغانغا باراۋەر، ئۇنىڭ پايدىسىنى كېيىن چوقۇم كۆرەلەيسەن، دەيتتى.» بۇ يىل ئەتىيازدا، پېنسىيەگە چىققان فۇ گوشى خارمۇدۇن كەنتىگە قايتىپ كېلىپ، كۆچەت تىكىش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، دادىسىنىڭ 1 مىليون تۈپ كۆچەت تىكىش ئارزۇسىنى ئورۇنداش ئىرادىسىگە كەلدى. باشقا پەرزەنتلىرىمۇ ئورمان بەلبېغىنى پەرۋىش قىلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئىقتىسادىي ئورمان بەرپا قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى.
قۇملۇق گىرۋىكىدە فۇ جىجوۋنىڭ ئىھاتە ئورمىنى باراقسان ئۆسۈپ يېتىلگەنىدى، ئولتۇرۇشۇۋاتقان قۇياش نۇرى ئورمانلىقتىكى دەرەخ ئۇچلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، قۇملۇقتا ئۇزۇن سايە تاشلاپ تۇراتتى. خىرە نۇر ئارىسىدا، بىز خۇددى كۆچەتلەرنى مۈرىسىگە ئارتىپ، بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان ئاشۇ سىيمانى كۆرگەندەك بولدۇق، ئۇ خۇددى ئۆزى سۆيگەن خارمۇدۇن كەنتىدىن ئەزەلدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك تۇراتتى.