تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ياز كۈنلىرىگىلا خاس گۈزەللىك 5-ئايدا شىنجاڭ شىخەنزىدە تىيانشان تېغى بۇلۇت دېڭىزى مەنزىرىسىگە تولدى

      باش يازدىن كېيىن، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا ھەيۋەتلىك بۇلۇت دېڭىزى مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. بۇلۇت ۋە تۇمانلار خۇددى يېنىك شايىدەك تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدا لەيلەپ يۈرۈپ، تۇتاش كەتكەن دەنشيا يەر شەكلى بىلەن يىراقتىكى قارلىق تاغنى خىيالىي تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.

   بوشلۇقتىن قارىغاندا، ماناس دەرياسى ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشايتتى، قۇياش نۇرىدا كېڭسۋات كۆلى خۇددى «يېشىل ياقۇت»تەك تاغ جىلغىسىدىكى بۇلۇت ۋە تۇمانلار ئارىسىدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان بۇلۇت دېڭىزى، قارلىق تاغ، دەنشيا، يايلاقلار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، «تاغنىڭ يېرىمى بۇلۇت بىلەن قاپلانغان، يېرىمى شەپەق نۇرىغا چۆمگەن، سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر تىيانشان تېغىغا زىننەت قوشقان» گۈزەل مەنزىرە نامايان بولغانىدى. (باش ئىستانسا مۇخبىرى سۇ مېڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.