تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شالچى دېھقانلار شال مايسىسى تىكىش بىلەن ئالدىراش بولدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىدىكى دېھقانلار شال ئېتىزلىقىدا مايسا تىكىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ماشىنا بىلەن مايسا كۆچۈرۈپ، مايسىلارنىڭ بالدۇر كۆكىرىشى، ساغلام ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلار ھاۋانىڭ نۆۋەتتىكى ئوچۇق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ياپيېشىل مايسا ئېتىزىدا ئادەم كۈچى بىلەن مايسا قومۇرۇپ، مايسا توشۇدى ھەمدە مايسا تىكىش ماشىنىسىغا قاچىلاپ، ماشىنىلاشقان مايسا تىكىش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى، مايسىلارنى ياخشى تىكىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي، سۈرئەتنى تېزلىتىپ مايسىلارنى ياخشى تىكتى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شال مايسىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈپ بولۇش پىلانلاندى.

ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.