تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

10-ئايدا ئېچىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە! ئۈرۈمچىدە ئىستىراھەت-كۆڭۈل ئېچىش رايونىدىن يەنە بىرسى كۆپەيدى

نۆۋەتتە

ئۈرۈمچى يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانى جىنجيې كوچىسى تۈرىدە

سودىگەرلەرنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش نىسبىتى %70كە يەتكەن

50% سودىگەر تىجارەت باشلىغان

قالغان سودىگەرلەر دۇكانلىرىنى بېزەۋاتقان بولۇپ

بۇ كوچىنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا رەسمىي ئېچىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانى جىنجيې كوچىسىدا، ئۆزگىچە بېزەلگەن دۇكانلار ياشلارنى داكا قىلىپ نەرسە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى لېي تىڭ فوتوسى

   5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋۇشېڭ ۋۇيۆ سودا باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ جىنجيې كوچىسى تۈرىگە سودىگەر چاقىرىشقا مەسئۇل خادىمى ۋاڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر جىنجيې كوچىسىغا سودىگەر چاقىرىش، دۇكان بېزەش، تىجارەت باشلاش قاتارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

   ئۈرۈمچى يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانى جىنجيې كوچىسى 46 مۇستەقىل كورپۇسلۇق ئىمارەت، 630 ئېغىز دۇكاندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 32 مىڭ كىۋادرات مېتىر، كەسىپ ھالىتى يېمەك-ئىچمەك، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، پارچە سېتىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، بالىلار دەسلەپكى باسقۇچلۇق تەربىيەسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كوچا رايونى «T» شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئوتتۇرا لىنىيەدە ئاساسلىقى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئاساس قىلىنىدۇ؛ يىغىن-كۆرگەزمە چوڭ يولى، لۇڭتېڭ يولىغا يېقىن دۇكانلار بايراقدار دۇكان، ئوبراز دۇكىنىنى ئالاھىدىلىك قىلغان بولۇپ، ھازىر 200دىن ئارتۇق سودىگەر تىجارەت باشلىدى.

   تىجارەت باشلىغان ۋە بېزىلىۋاتقان دۇكانلاردىن باشقا، ۋۇيۆ مەيدانى جىنجيې كوچىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى كەچلىك بازارمۇ پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. 

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.