تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدا تۆت ھەقسىز دالىدا قونۇش ئورنى كۆپەيدى، «ئەڭ يۇقىرى پەللە» يوق!

   ئەتىياز ئاخىرلىشىپ ياز كېلىپ قالدى، بۇ دەل بىر يىل ئىچىدىكى دالىدا قونۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان ۋاقىت.

   چىملىقتا، كۆل بويىدا ياكى دەرەخ سايىسىدا تۆت-بەش دوست بىللە ئولتۇرۇپ، قەھۋە ئىچىپ، مەنزىرە كۆرۈپ، ئەركىن ھالدا خىيال سۈرەلەيسىز. ئاخىرىدا يەنە دوستلار چەمبىرىكىگە كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان دالىدا قونۇش سۈرەتلىرىنى چىقارسىڭىز بولىدۇ.

  شياۋشىن يېقىندا يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۆت دالىدا قونۇش ئورنىنى بايقىدى، جابدۇقلارنى رەتلەپ تەييار بولۇڭلار، ماڭدۇق ئەمىسە!

 يول بويى ھەممىسى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىققا تولغان

 شىخەنزە دالىدا قونۇش پەسلى S101 بازىسى

   قويۇق  ئورمان، يىلان باغرى تاغ-دەريالار، «بىر كۈندە تۆت پەسىلنى كۆرگىلى بولىدۇ»، بۇ يەر تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن شەھىرىنىڭ «شىخەنزە دالىدا قونۇش پەسلى S101 بازىسى».

   شياۋشىننىڭ بۇ جايغا بېرىپ داكا قىلغان دوستلىرى قايتىپ كەلگەندە، بۇ جاينى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلدى، يول بويى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىسىز.

   ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېشىللىق، نەم ھاۋا ۋە كىچىك ياۋا گۈللەر، بارىدىغان مەنزىلنى ئالاھىدە پىلانلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، يولنى بويلاپ خالىغانچە ماڭسىڭىز، دەم ئېلىۋاتقاندەك راھەت ھېس قىلىسىز.

   يەنە يايلاپ يۈرگەن قوي،كالىلارنى ئۇچرىتىسىز، سەھرا ھىدى كۈچلۈك بولۇپ، بالىڭىزنى ئېلىپ بېرىشقا بەك ماس كېلىدۇ.

   ئادرېسى: شىخەنزە دالىدا قونۇش پەسلى S101 بازىسى 

   باھاسى: ھەقسىز

  دىققەت: يېقىن ئەتراپتا ئاشخانا، ماگىزىن يوق، يېمەكلىك تەييارلىۋىلىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ ئورمانلىقتا پاشا بىر قەدەر كۆپ، قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئادەم ئاز، راھەت، دەرىجىدىن تاشقىرى گۈزەل

شالياڭزې كەنتى

   ھاۋا ئوچۇق كۈننى تاللاپ شالياڭزې كەنتىگە بارغاندا، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەركىن سەيلە قىلىش ئارزۇسىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىگە يىراق ئەمەس، بىر سائەت 40 مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، يولدا چارچاپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

   بۇ يەردە بىپايان كۆل، تاغ ، سۈپسۈزۈك ئېقىن، ياپيېشىل چىملىق بار. دالىدا چېدىر تىكىپ ئەركىن-ئازادە قونغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ سەيلە قىلىپ شەكىل چىقىرىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ، كەيپىيات تۇيغۇسى بەك ياخشى.

   ئادرېسى: شالىياڭزې كەنتى

   باھاسى: ھەقسىز

  دىققەت: داۋانچىڭ رايونىدا دائىم بوران چىقىدۇ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا دىققەت قىلىڭ.

كەڭ دالىدا شامال يۈزىڭىزنى سىيپاپ ئۆتكەندە، تەنلىرىڭىز يايراپ كېتىدۇ

جىگوۋ

   باش يازغا قەدەم قويدۇق، شىنجاڭلىقلارنىڭ خۇشاللىقى قايتىپ كەلدى! دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنىڭ ئۆزى سىگنال، دەرھال دوستلارنى چاقىرىپ، ئۆمەك تەشكىللەپ نەنسەنگە چىقايلى!

    ئەلۋەتتە، بەيياڭگوۋ، شۇيشىگوۋ، نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانى قاتارلىق كىشىلەر ناھايىتى كۆپ بولغان داكا قىلىدىغان جايدىن باشقا، بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن شياۋشىن ئۇزۇندىن بۇيان يوشۇرۇپ كەلگەن جىگوۋدىن تەڭ بەھرىمان بولىمىز.

  بۇ يەردە ئادەم ئاز، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدىكى كەڭ دائىرىدىكى ياپيېشىل دەل-دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى بىر قاراپلا تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ، دالىدا قونۇپلا قالماي، پىيادە مېڭىشمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، دوستلار بىلەن گۇرۇپپا تەشكىللەپ كۆڭۈل ئېچىشقا ماس كېلىدۇ.

   ئادرېسى: جىگوۋ

   باھاسى: ھەقسىز

  دىققەت: ئاپتوموبىل بىلەن پەقەت تاغ ئېتىكىگىچە بارالايسىز، تاغقا پىيادە چىقىشقا توغرا كىلىدۇ

تاغ ئارىسىدىكى جىمجىت تۇپراق

جىبىكۇ دەرياسى

  [جىبىكۇ دەرياسى] سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان، ئەتراپتا قويۇق قارىغايلىق، سۈپسۈزۈك يىلان باغرى ئېقىن ۋە سۇغا چۈشۈۋالغان كالا پادىلىرى بولۇپ، جىمجىت ۋە ئىنتايىن گۈزەل. 

  يەنە ئىككى چوڭ يارقىن نۇقتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىرىنچى، مۇھىتى ئىنتايىن جىمجىت، سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ؛ ئىككىنچى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا يېقىن، دالىدا قونۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ.

   بۇ يەرگە كەلسىڭىز، ئورمانلىقنىڭ نەمخۇش، ساپ ھىدى ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، مەيلى قايسى جايلا بولسۇن، ئەتراپ ناھايىتى گۈزەل كۆرۈنىدۇ. چۈنكى ئەتراپ بىپايان، گۈزەل مەنزىرىدىن باشقا يەنە ئېكسپېدىتسىيە «ھىدى» كېلىپ تۇرىدۇ.

   ئادرېسى: جىبىكۇ دەرياسى

   باھاسى: ھەقسىز

   دىققەت: ئوت يېقىپ كاۋاپ قىلىشقا بولمايدۇ؛ تېلېفوننىڭ سىگنالى ياخشى ئەمەس

   بۇ يەردە شياۋشىن «دالىدا ئىزسىز قونۇش» ئۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ، كۆپچىلىككە داۋاملىق خۇشاللىق بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    دالىدا ئىزسىز قونۇش دېگەن نېمە؟

   ① سۇ مەنبەسىنى قوغداش، تەبىئىي سۇ مەنبەسىگە يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تۆكمەسلىك، ئالدى بىلەن ئىسسىق سۇ بىلەن ماي داغلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، ئالدىن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ يۇيۇش كېرەك.

   ② ئىپتىدائىي مۇھىتقا بولغان تەسىرنى ئازايتىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىر لاگېر بەلگىلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش كېرەك.

   ③ ئىمكانقەدەر سوغۇق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ دالا تامىقى يېيىش، ئورمان رايونىدا ئوت ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

   ④ ياۋايى ھايۋانلارغا ئەگەشمەسلىك، دەخلى قىلماسلىق، يېقىنلاشماسلىق كېرەك.

   ⑤ دالىدا قونۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارلىق ئەخلەتلەرنى ئېلىپ كېتىش كېرەك.

   شەھەردىن تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن تەبىئەتكە قاراپ مېڭىپ، يەنە تولۇپ-تاشقان رازىمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىسىز، بۇ بەلكىم دالىدا قونۇشنىڭ خۇشاللىقى بولسا كېرەك.

   ھاۋا بارغانسېرى راھەت بولۇۋاتىدۇ، ئارام ئالغاندا دوستلىرىڭىزنى چاقىرىپ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ كىلىڭ.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.