تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە)، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 7 مىليون 47 مىڭ 200 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.03 ئاشقان؛ تېز يوللانما يەتكۈزۈش مىقدارى 19 مىليون 998 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.31 ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇ بىر گۇرۇپپا يارقىن سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىدەك كۈچلۈك ۋەزىيەتنى تېخىمۇ نامايان قىلغان.

  جۇڭتۇڭ تېز يەتكۈزۈش گۇرۇھىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئايرىپ تارقىتىش مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەر ئاقما لىنىيەدە تېز يوللانمىلارنى بىر تەرەپ قىلماقتا. جاڭ كۈن فوتوسى

   «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، جەمئىي 9 مىليون 195 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.43 ئاشتى؛ ساياھەتچىلەر خىراجىتى 8 مىليارد 924 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.47 ئاشتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىلدى. شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا، ساياھەتچىلەر «مال سېتىۋېلىش + تېز يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت بىر پونكىت شەكلىدىكى سەمىمىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇپ، سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ ئازادە، راھەت بولدى. شىنجاڭدىكى نەچچە ئون مىڭ تېز يەتكۈزۈش خادىمى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

   تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «1-ماي» مەزگىلى دەل شىنجاڭنىڭ قومۇل قوغۇنى، لەنمېي، گىلاس قاتارلىق ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل. قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى، ھاۋا تىرانسپورتى قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش يوللىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۈزۈلمەي يەتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پوچتا تېز يوللانما كەسپى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.