ئەسكەرتىش: قىسمەن جايلىرى قىسقارتىلغان
كۆپكۆك ئاسمان ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ
يىراقتىكى قارلىق تاغنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى

مەيىن شامال يەڭگىل سىيپاپ ئۆتۈپ
بارلىق قۇرۇق ئىسسىقنى ئېلىپ كەتتى
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە
ئۈرۈمچىدە ھاۋا داۋاملىق ئوچۇق بولۇپ
قۇياش ھەر كۈنى ئىللىق نۇرىنى چاچىدۇ
تېمپېراتۇرا يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ
℃30قا چىقىدۇ
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا
يېقىندا
ئىسسىق-سوغۇق ھاۋانىڭ تارتىشماق ئويۇنى باشلىنىدىكەن
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە
قۇياش نۇرى داۋاملىق داكا قىلىدىكەن
لېكىن، بورانلىق، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىمۇ يەنە پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن
5-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدىن 9-كۈنى كۈندۈزگىچە
ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى
ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا
بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن
تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى شامال ئۆتەڭ ۋە مايتاس شامال رايونى
ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق
شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8~7 بالغا يېتىپ، 9 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن
جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
5-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدىن 8-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن؛ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى شامال ئۆتەڭ ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8~7 بالغا يېتىدىكەن، 9 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
5-ئاينىڭ 8-كۈنى كېچىدىن 9-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن؛ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى شامال ئۆتەڭ ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8~7 بالغا يېتىدىكەن، 9 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
ھاۋا ئىسسىغاندا
بەدەندىكى سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشى تېز بولىدۇ
كۆپرەك سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇماڭ-ھە!
مەركىزىي شەھەرنىڭ كەلگۈسى ئىككى كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات
مۆلچەرلىنىشىچە، بۈگۈن كېچىدىن ئۆگۈنلۈككە كۈندۈزگىچە
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ
شەھەر رايونىنىڭ قىسمەن رايونلىرى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن سەيۋوپۇغىچە
شىسەندىن باگاڭغىچە بولغان جايلاردا
4~3 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىپ كېيىن 5~4 بالغا ئۆزگىرىدىكەن
7~6 بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن
ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچى ئەتراپىغىچە بولغان جايلاردا
8~7 بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىپ كېيىن 9~8 بال بورانغا ئۆزگىرىدىكەن
ھەرقايسى رايونلاردا تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدىكەن
مەركىزىي شەھەرنىڭ كەلگۈسى يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

تۇرمۇش ئەسكەرتمىسى
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ھاۋا ئوچۇق
تېمپېراتۇرا ئۆرلىسە
ئۇلترا بىنەپشە نۇرمۇ «ھەرىكەت قىلىش»قا باشلايدۇ
سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ
قارا كۆزەينەك، كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش قالپىقى قاتارلىق
ئاپتاپتىن ساقلىنىش «كۈچلۈك قوراللىرى»نى ئېلىۋېلىپ
ئۇلترا بىنەپشە نۇرىغا پۇرسەت بەرمەڭ
بىرلىكتە يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى خۇشال كۈتۈۋالايلى!
«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى