تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۇزاق مۇددەت بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغانلار تاماق يېيىش خۇشاللىقىنى قايتا ھېس قىلالمايدۇ

   تاماق يېيىش زادى ياشاش ئۈچۈنمۇ ياكى خۇشاللىق ئۈچۈنمۇ؟

   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) 2022-يىلى ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش بىلەن سېمىزلىكنى يۇقىرى قان بېسىم، يېمەك-ئىچمەك خەۋپ-خەتىرى ۋە تاماكىدىن كېيىن 4-ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلۈم خەۋپ-خەتىرى چوڭ ئامىل دەپ بېكىتتى، جۇڭگو دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاممىغا ئېلان قىلغان «بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش يېتەكچى پىرىنسىپى (2024-يىل نۇسخىسى)»مۇ بۇ يىل قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، مۇشۇنداق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، كۆپ ساندىكى تەتقىقاتتا خۇشاللىقنىڭ تۈرتكىسى بولغان يېمەكلىك يېيىش «ناتوغرا ئىش» دەپ قارالدى.

   ئورۇقلاش يولىدا كەم بولسا بولمايدىغان شوئار «ئېغىزنى ياخشى باشقۇرۇش»نىڭ ئۆزى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىشتىھاغا چەك قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسى بېركېلېي شۆبە مەكتىپىنىڭ نېرۋا ئىلمى پروفېسسورى سىتېفان لاممېل Stephan Lammel بۇنداق قارىمىدى،  ئۇنىڭ قارىشىچە، تاماق يېگەن چاغدىكى خۇشاللىق تۇيغۇسى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن، گەرچە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېگەن ھالەتتىمۇ، خۇشال بولالىسا، بۇ ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەن.
   نېرۋا ئىلمى ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لاممېل Lammel  ئاساسلىقى چوڭ مېڭىنىڭ قايتىش يولىنى تەتقىق قىلىدۇ، بولۇپمۇ دوپامىن ئاجرىلىدىغان نېرىپ يولىنى تەتقىق قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر دوپامىننى ياخشى بىلىدۇ،  ئۇ نېرۋا ئىلمىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا دائىم كۆرۈلىدۇ، خۇشاللىق تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يەتكۈزۈلۈشى، مۇددىئانىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ئالاقىدار ھېس قىلىشلاردا دوپامىننىڭ قويۇپ بېرىلىشى كەم بولسا بولمايدۇ، مەسىلەن، بىز يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، دوپامىن ئېلىپ كەلگەن كۈچلۈك خۇشاللىق تۇيغۇسى ئىشتىھايىمىزنى يەنىمۇ ئاچىدۇ.

   بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، تەتقىقاتلار دائىم «خۇشال ھالدا يېمەكلىك يېيىش»نى «بەك كۆپ يېيىش»، ھەتتا «ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش بىلەن سېمىزلىك»كە باغلايدۇ. ئەمما بۇ قېتىم لاممېل Lammel «خۇشال ھالدا يېمەكلىك يېيىش»نى «ساغلام بولغان بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئورۇقلاشتا چوقۇم ئىشتىھاغا چەك قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ قارىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.