تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئىشىكىڭىز ئالدىدا ھەرگىز بۇ ئىشنى قىلماڭ!

   «ئۆيۈمدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىمنىڭ ھەممىسى يوق تۇرىدۇ!» يېقىندا، چىرا ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى گۈX دېلو مەلۇم قىلغاندا ئاۋازى تىترەپ كەتتى، ئۇ سىرتقا چىقىپ كېتىپ ئۆيىگە قايتقاندا، ئۆيىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكىنى، 30 گىرام ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

جىنايەت گۇماندارى ئاX ئوغرىلىغان زاڭ پۇل، زاڭ مال.

چىرا ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

   چىرا ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، گۈXنىڭ ئۆيىنىڭ قۇلۇپى ساق بولۇپ، قومۇرۇلغان ئىز يوق ئىدى، خەلق ساقچىلىرى باشقا يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، گۇماندارنى ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ھۆكۈم قىلدى.

   جىنايى ئىشلار رازۋېدكا خادىملىرى دەرھال رەتكە تۇرغۇزۇپ زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، گۈXنى تونۇيدىغان ھەمدە ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشىش ئېھتىمالى بولغان گۇمانلىق كىشىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈردى. خەلق ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يوچۇقنى بايقىدى. ئەسلىدە گۈX ئاچقۇچىنى ئۇنتۇپ قېلىپ قولايسىزلىق كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىشىكى ئالدىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش كرانى ئىشكاپىغا يوشۇرۇپ قويغانىكەن.

   يول بويىدىكى ئاممىۋى سىننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خەلق ساقچىلىرى ناھايىتى تېزلا جىنايەت گۇماندارى ئاXنى بېكىتتى ھەم شۇ كۈنى ئۇنى تۇتتى، نەق مەيداندا 200 يۈەندىن ئارتۇق زاڭ پۇل ۋە تېخى ساتمىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى قولغا چۈشۈردى.

   سوراق جەريانىدا، ئاX قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىنى ئەينەن تاپشۇردى. ئەسلىدە، ئاX ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن يامان مەقسەتتە بولغان، ئۇ نۇرغۇن ئاھالىنىڭ قولايلىق بولۇشنى كۆزلەپ، ئاچقۇچنى ئوت ئۆچۈرۈش كرانى ئىشكاپى، ئاياغ ئىشكاپى، پالاز قاتارلىق ئىشىك ئالدىدىكى ئاممىۋى رايونغا يوشۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاX مەخسۇس ئاھالىلەر بىناسىدىن يوشۇرۇپ قويغان مۇشۇنداق ئاچقۇچلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىق قىلغان.

   تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاXنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلدا جەمئىي ئۈچ قېتىم دېلو سادىر قىلغانلىقى، ئوغرىلىق قىلىپ 24 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەنلىكىنى بايقالدى. نۆۋەتتە، ئاX قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار سەۋەبلىك قولغا ئېلىندى، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

   ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاچقۇچنى ئىشىكى ئالدىغا يوشۇرۇپ قويۇش قارىماققا قولايلىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوغرىغا ئاچقۇچنى «بەرگەنلىك» ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ بوش ئۆي ياكى دائىملىق تۇرىدىغانلار يوق ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى چوقۇم ياخشى ساقلاش كېرەك. ئەگەر گۇمانلىق ئەھۋال بايقالسا، جەزمەن بىرىنچى ۋاقىتتا ساقچىغا مەلۇم قىلىش ھەم نەق مەيداننى ياخشى قوغداش كېرەك.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.