تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قاراڭ! باغراش كۆلىدىكى سۇ قۇشلىرى ئائىلە بويىچە بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ «ساياھەتكە چىقتى»

   ھازىر، باغراش ناھىيەسىگە جايلاشقان باغراش كۆلى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق سۇ قۇشى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئەۋلادى بولغان بىر تۈركۈم «ئوماق»لارنى كۈتۈۋالدى.

   5-ئاينىڭ 6-كۈنى، باغراش كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كىچىك كۆل رايونىدا، قارنا، بېلىقچى چايكا، ئاق قوتان، ياۋا غاز قاتارلىقلارنىڭ چۈجىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۇخۇمدىن چىقتى. ئوماق قارنا ئاپىسىنىڭ قانىتى ئارىسىدىن چىقىپ، ئاسمانغا قاراپ ئوزۇق تەلەپ قىلىپ تەلمۈردى، چىشى ۋە ئەركەك قارنا نۆۋەت بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرسى سىرتقا چىقىپ بېلىق تۇتسا، يەنە بىرى چۈجىلىرىنى باقتى. باغراش كۆلىدىكى قومۇش تۆپىلىكتە توپ-توپ ياۋا ئۆردەك چۈجىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ «ساياھەتكە چىقتى»، كىچىك زېرەكچاقلار ئاتا-ئانىسىنى دوراپ مېڭىشنى ئۆگەندى، ئۇلار گاھ سۇدا ئۈزسە، گاھ ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ئوزۇق ئىزدىشەتتى، ئۇلارنىڭ جانلىق ھالىتى قارىماققا تولىمۇ ئوماق كۆرۈنەتتى.

  باغراش ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى سۇلۇق يەر پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى لى جىنشەن مۇنداق دېدى: «باغراش ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى تەخمىنەن 157 مىڭ 371 گېكتار كېلىدۇ، ھازىر كۆزىتىلگەن قۇش تۈرى 200 خىلدىن ئاشىدۇ، كۆپىيىش مەزگىلى ئادەتتە ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلىنىپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدۇ. بىز بۇ مەزگىلدە باغراش كۆلىنىڭ ئاساسلىق قۇش تۈرلىرىنى كۆپەيتىش رايونىدا يەتتە كۆزىتىش نۇقتىسى، تۆت كۆزىتىش لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، خادىملارنى قەرەللىك چارلاپ قوغداشقا تەشكىللىدۇق».

   باغراش كۆلى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، سۇ كۆلىمى 1646 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇشلارنىڭ كۆچۈشى ۋە كۆپىيىشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى. ئەڭ يېڭى كۆزىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، باغراش كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق سۇ قۇشى ماكانلىشىپ كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق قوتان، كۆك قوتان، ياۋا ئۆردەك، بېلىقچى چايكا، قارنا قاتارلىقلار كۆپرەك ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش قاتارلىق قوغداش تەدبىرلىرى ئارقىلىق سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ ماكانلىشىشى ۋە كۆپىيىشىنى ياخشى تەبىئىي ئېكولوگىيە-مۇھىتقا ئىگە قىلدى.

  (باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى گو يۈشۇن، ليۇ جىۋېي، ليۇ يۈ)

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.