تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇ جايدىكى ساۋمېيلار قىزاردى سىزنىڭ كېلىپ ئۈزۈشىڭىزنى كۈتمەكتە

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ چېڭگۇەن يېزىسى قاشئېرىق كەنتىدىكى ساۋمېي ئۈزۈش باغچىسى ساياھەتچىلەر بەس-بەستە داكا قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق جايغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ ساۋمېي ئۈزۈش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا جەلپ قىلدى. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، بۇ ساۋمېي ئۈزۈش باغچىسىدا، ياپيېشىل ساۋمېي تۈپلىرى قاتار-قاتار رەتلىك ئۆسكەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر قولىدا سېۋەت كۆتۈرۈپ، پىشقان مېۋىنى تاللىغاچ، ئۇنىڭغا ئېغىز تېگىپ، ساۋمېي ئۈزۈش خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولدى. (يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ۋەلى)

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاشئېرىق كەنتى شەھەر ئەتراپىدىكى كەنت بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

ساياھەتچىلەر ئۈزگەن ساۋمېي.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.