تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كوممۇنىستلارنىڭ «قەلب ئىلمى»نى تاۋلاش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ليۇ

پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى كوممۇنىستلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەپ ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرىدىغان زۆرۈر دەرسلىكى، شۇنداقلا كوممۇنىستلارنىڭ «قەلب ئىلمى». مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا، ئەسلىدىكى ئاددىي - ساددا ھالەتكە قايتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەت توپلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

ئىستىل مەسىلىسى ماھىيەتتە پارتىيەۋىلىك مەسىلىسى. يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئون تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بۇنىڭدا بەزىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلغان؛ بەزىلىرى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش نامىدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان؛ بەزىلىرى مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قىلىدىغاننى قىلمىغان، قالايمىقان ئىش قىلغان. ئىدىيە جەھەتتىكى «باش كەيگۈەن» چىڭ ئېتىلمىسە، توغرا بولغان ھەق - ناھەق قارىشى، ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشى، ھوقۇق قارىشى، كەسىپ قارىشى كەمچىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، تۈرلۈك يولدىن چىقىپ كېتىش، چەكتىن ھالقىپ كېتىش، تۈزۈمدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

ساغلام كەيپىيات ئەۋج ئالسا، ناچار كەيپىيات تۈگىتىلىدۇ. كوممۇنىستلارنىڭ «قەلب ئىلمى»نى تاۋلاشتا سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، شەخسنىڭ ساپاسى ۋە سىياسىي پەزىلىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قەلبىگە پارتىيەنى پۈكۈش، قەلبىگە خەلقنى پۈكۈش، قەلبىگە مەسئۇلىيەتنى پۈكۈش، قەلبىدە ئاگاھ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قەلبكە پارتىيەنى پۈكۈپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە «توغرىلىنىپ»، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ئارقىلىق «ساۋمياۋ قىلغاندىلا»، ئاندىن سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەيمىز، چەتنەپ كەتمەيمىز؛ قەلبكە خەلقنى پۈكۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى ئارقىلىق «رېنتىگېنگە چۈشۈپ»، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى قوغدىغاندىلا، ئاندىن سىياسىي نەتىجىنى خەلق رايىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ قەلبكە مەسئۇلىيەتنى پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن تەرەققىيات داۋامىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؛ قەلبىدە ئاگاھ بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆز مەيلىچە ئىش قىلماي، يولدىن چىقىپ كەتمەي، قائىدە - يوسۇندىن چەتنەپ كەتمىگەندىلا، ئاندىن ھوقۇقنى قانۇن بويىچە پاك ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. «بىلىش»تىكى مەقسەت «قىلىش»تا، كوممۇنىستلارنىڭ «قەلب ئىلمى»نى تاۋلاشتىكى مەقسەت ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ۋەزىيەت، مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ تېزلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ كۆپلۈكى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقىنىڭ چوڭلۇقى مىسلىسىز. بۇ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قول كۆيدۈرىدىغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

كوممۇنىستلارنىڭ «قەلب ئىلمى»نى تاۋلاشتا، ئۆمۈرۋايەت تىرىشىش، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش، ئۆمۈرۋايەت تەربىيەلىنىش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك ساپاسى، ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى پارتىيە ئىستاژىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەبىئىي ئۆسمەيدۇ، شۇنداقلا ۋەزىپىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەبىئىي ئۆسمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىدىيە جەھەتتە بىر سۇڭ بوشاڭلىق كۆرۈلسە، ھەرىكەت جەھەتتە بىر چى چېچىلاڭغۇلۇق كۆرۈلىدۇ. پارتىيەۋىلىك ساپاسىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن توختىماي ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىنى تاۋلاش، ئۆزىنى چەكلەش، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

دائىم تەربىيەلىنىپ، دائىم تاۋلىنىپ، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ، دائىم ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيەۋىلىكنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا بايرىقى روشەن بولۇپ، بوران - چاپقۇننىڭ سىناقلىرى ئالدىدا ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، ھەر خىل ئازدۇرۇشلار ئالدىدا مەيدانى مۇستەھكەم بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.