تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جۇڭگونىڭ داڭلىق ماي بوياق رەسساملىرى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ماتېرىيال توپلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى

    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىر مەيدان سەنئەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ ئۇچرىشىشى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30دىن ئارتۇق داڭلىق ماي بوياق رەسسامىنى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، توققۇز كۈنلۈك ماتېرىيال توپلاش ئىجادىيەت سەپىرىنى باشلاپ، ماي بوياق رەسىمنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى مول نەتىجىلىرىنى جانلىق نامايان قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

    جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فەن دىئەن مەنزىرە رايونىغا كىرىپلا ئىجادىيەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتى. ئۇ چوڭقۇر سەنئەت ئاساسى ۋە ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، جانلىق قەلىمىنى رەسىم سىزىدىغان رەخت ئۈستىدە ئوينىتىپ، مول رەڭلەرنى قاتلاممۇقاتلام نامايان قىلىپ، كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدىكى ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەمشادلارنى، بىپايان گۈزەل يايلاقنى بىر-بىرلەپ سىزىپ چىقتى. باشقا رەسساملارمۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا باردى، مەيلى تاغ ئارىسىدىكى ئېقىن بولسۇن ياكى يايلاقتىكى قوي-كالىلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇلارنىڭ قەلىمىنىڭ ئىلھام مەنبەسىگە ئايلىنىپ، بۇ زېمىنغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مەدھىيەسىنى ئىپادىلىدى.

    جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فەن دىئەن مۇنداق دېدى: «ئىلىدىكى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن چوڭقۇر ھاياجانلاندۇق. تىيانشان ئېتىكىدە تۇرۇپ ئىلىنىڭ ئېگىز تاغلىرى، شەمشاد ۋە يايلاقلىرىنى ھېس قىلدۇق، بۇ گۈزەل مەنزىرىلەر ماي بوياق رەسىم بىلەن تەسۋىرلەشكە ئەرزىيدۇ».

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق ماي بوياق رەسساملىرى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە ئادىمىيەت گۈزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقتى، كېيىنكى قەدەمدە، سەنئەتكارلار يەنە چاچى دۆلەت ئورمان باغچىسى، كۈنەس ناھىيەسى ياۋا مېۋىلىك ئورمان مەنزىرە رايونىغا بېرىپ، چۆكۈش شەكلدىكى ئىجادىيەت ئارقىلىق، ماي بوياق سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش نەتىجىلىرى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېڭى قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.