تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

314 مىليون ئادەم قېتىم!

   مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى 2025-يىللىق «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بەش كۈن دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە 314 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتكە چىقىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشقان؛ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئومۇمىي خىراجىتى 180 مىليارد 269 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.0 ئاشقان.

   دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار مول، رەڭدار مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە پەن-تېخنىكا ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى، ساياھەت مەنزىرە رايونى-ئىستىراھەت رايونى، ئىستىراھەت كوچا رايونى، يېزا-كەنت ساياھىتى، قىزىل ساياھەت قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلار كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى گۈللەپ ياشنىدى.

  «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.