ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بەينياۋخۇ بۆلەك رايونىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق 2-خەلق دوختۇرخانىسى) ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دوختۇرخانا رايونىنىڭ سىرتقى تاملىرى ۋە ئىچى بېزىلىۋاتاتتى. بۇ دوختۇرخانا ياشانغانلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

بېزىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق 2-خەلق دوختۇرخانىسى) ئىقتىساد-تېخنىكا رايونى دوختۇرخانا رايونى بىناسى.
جاۋ شياۋشۆ فوتوسى
بۇ دوختۇرخانىدا 2024-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، 270 كېسەل كارىۋىتى تەسىس قىلىش پىلانلاندى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنىلەر كىرگۈزۈلۈپ، ياشانغانلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى خاسلىق قىلىنغان، مۇھىتى گۈزەل 3-دەرىجىلىك جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن باغچىلاشقان ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا بەرپا قىلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ دوختۇرخانا ھازىر بار بولغان دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم ۋە جۇڭگو تېبابىتى (ئۇيغۇر تېبابىتى) تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، سۆڭەك زەخمى بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق پەنلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن ھەم مۇناسىپ ئامبۇلاتورىيە تەسىس قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى ۋە قۇم بىلەن داۋالاش، سۇ بىلەن داۋالاش مەركىزى قۇرۇلىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندىن