5-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ۋىيشىن سۇپىسى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش(新疆招生)»تىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى 6-تۈركۈمدە ئالغا سىلجىتىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2027-يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىرتۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىدىغان، ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشتىن پايدىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يېڭى مېخانىزمى بەرپا قىلىدىكەن، بۇ قىسقارتىلىپ «ئىككىنى ئاساس قىلىش، بىردىن پايدىلىنىش» دېيىلىدىكەن.
2024-يىلى كۈز پەسلىدە ئوقۇشقا كىرگەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى يولغا قويۇلىدىكەن. 2027-يىلىغا بارغاندا، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئىلمىي تاللايدىغان، نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولغان ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلىدىكەن، دەۋر تەلىپىگە، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ۋە شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى بەرپا قىلىنىدىكەن.
شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئاساسلىقى مۇنداق بەش جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: بىرىنچى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىمتىھان تۈرى، ئىمتىھان ئوبيېكتى، ئىمتىھان پەن تۈرى، ئىمتىھان مەزمۇنى، ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىمتىھاننى تەشكىللەش، نەتىجە چىقىرىش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلىدىكەن؛ ئىككىنچى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش تۈزۈمى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، باھالاش مەزمۇنى، باھالاش ئاساسىي گەۋدىسى ۋە تەرتىپى، باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىش ئايدىڭلاشتۇرۇلىدىكەن؛ ئۈچىنچى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ئەندىزىسى ۋە پەن تۈرى، ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇشى، نەتىجە قۇرۇلمىسى، پەن تاللاش تەلىپى، قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلىدىكەن؛ تۆتىنچى، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرىدىكەن، «مەدەنىيەت ساپاسى + كەسپىي ماھارەت» بويىچە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلۇپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى نىسپىي ئايرىشقا تۈرتكە بولۇنىدىكەن؛ بەشىنچى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئىسلاھاتى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
كېيىنچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىغا ئائىت سىياسەت ھەققىدە داۋاملىق چۈشەنچە بېرىلىدۇ، دىققىتىڭلاردا بولغاي.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى