2025-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان «ياشلىق ناخشىسى − مەملىكەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى.
كۆرگەزمە «پەن-تېخنىكا يېڭى يۇلتۇزى»، «ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلىش»، «دۆلەت مۇھەببىتى»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 118 يېڭىلىق يارىتىش تۈرى بار، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان تۈرلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكى جۇڭگو خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن كەلگەن، مەزمۇنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، داۋالاش-ساغلاملىق، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېشىل يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش مەقسەت قىلىنغان.






چېن شياۋگېن فوتوسى (خەلق تورى سۈرىتى)
خەلق تورىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى