تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى خەيخاڭ يايلىقى سۈرەتتەك گۈزەل

   5-ئايدىكى خەيخاڭ يايلىقىدا، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆپكۆك ئاسمان بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، بۇلۇتلار ئۇپۇقتا لەيلەپ يۈرەتتى. نامسىز ياۋا گۈللەر شامالغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، يېشىل ئوت-چۆپلەرنىڭ خۇش ھىدى قەلبلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. قوي-كالىلار ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، گاھ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئوزۇق ئىزدىسە، گاھ قوغلىشىپ ئوينىشاتتى، پادىچىلار ئاتنى قامچىلاپ چېپىپ، جىمجىت رەسىمگە جانلىق تۈس قوشقانىدى. ۋاقىت بۇ يەردە توختاپ قالغان بولۇپ، ئاسمان، يەر جاھان كەڭ كەتكەن، بارلىق شەيئىلەر تولىمۇ ئەركىن ئىدى.

(دۆربىلجىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى باھادىر)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.