تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خەلقنى بېيىتىش كەسپلىرى ئىشىك ئالدىغىلا ئورۇنلاشتى كەنت ئاھالىلىرى شادلىققا تولدى

  يېقىندا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرى يۇەندىڭلىن مېۋە-چېۋە تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، 92 نەپەر كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ياڭاقنىڭ مېغىزىنى ئايرىش، مەھسۇلاتلارنى ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدا مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن ئىككى نەپەر كەنت ئاھالىسى ياڭاق مېغىزىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىۋاتاتتى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىماملىرىم بازىرى ياربېشى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، يىلىغا 4500 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق مېغىزى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 9 مىليون يۈەن ئەتراپىغا يەتكۈزدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ شيۇفاڭ، گۇڭ رۇفاڭ)

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 240 مىڭ يۈەن مەبلەغنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى بىر كىيىم-كېچەك تىكىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈچۈن 68 دانە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، 86 نەپەر كەنت ئاھالىسىنىڭ سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار بىكار تۇرغان دۇكان، بازاردىكى يايما ئورنى قاتارلىق بايلىقلارنى جانلاندۇرۇپ، 105 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  2024-يىلى ياربېشى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 959 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشى ساپ كىرىمى 23 مىڭ 800 يۈەنگە يېتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.