تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | كۈنەس ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ياۋا ئالما چېچەكلىرى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، باھارنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى

   5-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارابۇغرا بازىرى ساخا مەنزىرە رايونىدا 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ياۋا ئالما چېچىكى بەس-بەستە ئېچىلىپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى. ئاپئاق ئالما چېچىكى بىلەن ياپيېشىل يايلاق بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، باھارنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

   مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە، تاغ-دالىنى قاپلىغان ئاپپاق ئالما چېچەكلىرى خۇددى قاردەك ياپيېشىل يايلاقنى قاپلىغان بولۇپ، مەيىن شامالدا، چېچەك شاخلىرى ئىرغاڭلاپ تۇراتتى، چېچەكلەر خۇددى قار ئۇچقۇنلىرىدەك كەينى-كەينىدىن تۆكۈلۈپ تۇراتتى، ھاۋانى سۇس گۈل ھىدى قاپلاپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ساياھەتچىلەر ئورمانلىقتا سەيلە قىلىپ ياكى دەرەخ ئاستىدا ئارام ئېلىپ، باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپى ۋە جىمجىتلىقىدىن ھۇزۇرلىناتتى؛ ياكى فوتو ئاپپاراتىنى چىقىرىپ، بۇ خىيالىي گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ خاتىرە قالدۇراتتى. يەنە نۇرغۇن ساياھەتچى گۈل دېڭىزىغا پۈركەنگەن دالىدا قونۇپ، تەبىئەت بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىپ، باھار ھىدىنى ھېس قىلىشنى تاللىدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى مول تەبىئىي بايلىققا تايىنىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ساخا مەنزىرە رايونى بۇنىڭ ئىچىدىكى چاقناپ تۇرغان بىر مەرۋايىت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ياۋا مېۋە چېچەكلىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشى ساياھەتچىلەرگە كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ يارقىن ساياھەت نام كارتىسىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.