يوتقاننى ئاپتاپقا سېلىشتىمۇ بەلگىلىك ماھارەت بولۇش كېرەك، بولمىسا بەلكىم ئاپتاپقا سالغانسېرى يوتقان ئىسسىق ساقلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندە نەچچە ئەپچىل ئۇسۇلنى توپلاپ چىقتۇق، كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىمىز:
يوتقاننى ئاپتاپقا سېلىش ۋاقتى، ئورنىنى ياخشى تاللاش كېرەك
ئەڭ ياخشىسى ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3كىچە بولغان ئارىلىقتا يوتقاننى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا قۇياش نۇرى ئەڭ يېتەرلىك بولىدۇ. يوتقاننى سەھەردە ۋە گۇگۇمدا ئاپتاپقا سالماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھاۋانىڭ نەملىكى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يوتقاننى ئاپتاپقا قانچە سالسا شۇنچە نەملىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يوتقاننى ئىمكانقەدەر كەڭ كەتكەن، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جاينى تاللاپ ئاپتاپقا سېلىش، يوتقاننىڭ يان تەرىپىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئاپتاپقا سېلىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
يوتقاننى ئاپتاپقا سالغاندا مۇۋاپىق قېقىش ۋە سىلكىپ بېرىش كېرەك
يوتقاننى ئاپتاپقا سېلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن يوتقاننى يېنىك قېقىپ، يوتقان يۈزىدىكى چاڭ-توزان ۋە كىرلەرنى سىلكىپ چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك، ئاندىن يوتقاننى كىيىم يېيىش جازىسىغا ئېسىپ، بىر نەچچە قېتىم چىڭراق سىلكىپ، يوتقاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چاڭ-توزان ۋە كىرلەرنى ئىمكانقەدەر چىقىرىۋېتىش كېرەك.

ئاپتاپقا سېلىش ۋاقتىنى 3 ~ 2 سائەت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك
يوتقاننى ئاپتاپقا سېلىش ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا شۇنچە ياخشى بولۇۋەرمەيدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا سالغاندا يوتقاننىڭ تالالىرى ئۈزۈلۈپ، يوتقاننىڭ ئىسسىق ساقلاش خۇسۇسىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئاپتاپقا سېلىش ۋاقتىنى ئەڭ ياخشىسى 3 ~ 2 سائەت ئىچىدە كونترول قىلىپ، يوتقاننىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىگە زىيادە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر ھاۋا بىر قەدەر نەم بولسا، ئاپتاپقا سېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ؛ ئەگەر ھاۋا بىر قەدەر قۇرغاق ياكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىر قەدەر كۈچلۈك بولسا، ئاپتاپقا سېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق قىسقارتىش كېرەك.
ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئاپتاپقا سېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز
ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتمىگەن ياكى يېڭى سېتىۋالغان يوتقان-كۆرپىلەرنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئاپتاپقا سېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا يوتقاننىڭ قۇرغاق، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئىشلىتىۋاتقان يوتقان-كۆرپىلەرنى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاپتاپقا سېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەڭ ياخشىسى يوتقاننىڭ ئۈستىگە رەخت يېپىپ، «ئىككىلەمچى بۇلغىنىش»تىن ساقلىنىش كېرەك
نۇرغۇن كىشى يوتقاننى شۇ پېتى ئاپتاپقا سالىدۇ، ئەمەلىيەتتە يوتقاننىڭ ئۈستىگە كونا كىرلىك يېپىپ قويۇشقا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا كۈچلۈك نۇردا رەختنىڭ سارغىيىپ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەم چاڭ-توزان، گۈل چېڭى قاتارلىقلارنىڭ يوتقان-كۆرپىلەرگە قونۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يوتقاننىڭ ئىچى تەرىپىنى كۈن نۇرىغا قارىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئاپتاپقا سېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يوتقاننىڭ ئىچى تەرىپىنى كۈن نۇرىغا قارىتىشتىن ئىبارەت، بۇنىڭدا بىرىنچى، يوتقان تېشىنى قوغدىغىلى بولىدۇ، ئىككىنچى، يوتقاننىڭ ئىچى تەرىپى ئادەم بەدىنى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىدۇ، شۇڭا بىۋاسىتە ئاپتاپقا سالغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن يوتقان-كۆرپە ياكى مامۇق يوتقان-كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سالماسلىق كېرەك
قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن يوتقان-كۆرپە ۋە مامۇق يوتقان-كۆرپىلەرنى كۈچلۈك كۈن نۇرىدا قاقلىماسلىق، پەقەت بالكون قاتارلىق شامال ئۆتۈشىدىغان جايدا بىر سائەت ئاپتاپقا سالساقلا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا كۈن نۇرى بىۋاسىتە چۈشۈپ تالاغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىمكانقەدەر ساقلانغىلى ياكى زىيىنىنى ئازايتقىلى، ئىشلىتىش ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى ۋە ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.
ئەگەر يوتقاننى ئاپتاپقا سالىدىغان ئازادە بوشلۇق بولمىسا، ئاخىرىدا ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئاپتاپقا سالغىلى بولىدىغان مۇنداق بىر ياخشى ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز: يوتقانغا قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتا كىيدۈرگەندە، ئىسسىقلىق سۈمۈرۈشى ياخشى بولىدۇ، بوشلۇق ئىگىلىمەيدۇ، ھەممىلا يەردە يۆتكىگىلى بولىدىغان بۇ «يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ساڭنا ئۆيى» يوتقاننى ئاپتاپقا سېلىش قىيىنچىلىقىنى بىر سېكۇنتتا ھەل قىلىدۇ. يوتقاننى قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ چەگكەندە، ئۇلترا بىنەپشە نۇر دېزىنفېكسىيەلەش رولىنى ئوينىيالمايدۇ، لېكىن قارا رەڭ ئىسسىقلىق سۈمۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتەلەيدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا يوتقاننىڭ ئىچىدىكى كانانى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ، بىراق يوتقاننى خالتىغا سېلىپ ئاپتاپقا سالغاندا باشقىلارنىڭ ئەخلەت ئورنىدا ئېلىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

سۈرەت مەنبەسى: تور
قېنى دوستلار
تېزدىن قۇياش پارلاپ تۇرغان بىر كۈننى تاللاپ
يوتقانلىرىڭىزنى ئاپتاپقا سېلىڭ!
«خەلق گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى