تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پامىردا جۇلالانغان ياشلىق

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، لى لېي(سولدا) خىزمەتدىشى بىلەن ئائىلە زىيارىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلاشماقتا. ھەر ئايلىق ئائىلە زىيارىتى پىدائىيلارغا نىسبەتەن دائىملىق ئىش.

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار مۇزىكا دەرسىدە.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، نۇربىيە راخمان شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە ۋاكالىتەن بېيجىڭغا مۇكاپات ئالغىلى ماڭغاندا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن قول ئىشارىسى قىلىپ خوشلاشماقتا.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، لى لېي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئويۇن ئوينىماقتا.

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ۋاڭ پېڭفېي يېڭىلىق يارىتىپ لايىھەلىگەن تۇرمۇش مەنزىرىسى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەرس ئۆتمەكتە. بۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكىغا قىزىقتۇردى.

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ خەۋىرى، فوتوسى

   4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىن چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە ۋاكالىتەن بېيجىڭغا مۇكاپات ئالغىلى ماڭغان نۇربىيە راخمان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى باسالماي: «بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدىغان شان-شەرەپ» دېدى. بۇ مۇلازىمەت ئەترىتى يېقىندا شەرەپ بىلەن «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى كوللېكتىپى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

   2022-يىلى 8-ئايدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 23 ياش پىدائىي چۆل-باياۋاندىن ھالقىپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش سەپىرىنى باشلىدى، بۇ جاي يەنە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ مەكتەپنى ھۆددىگە ئېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنغان تۇنجى مەكتەپ بولۇپ قالدى. ئېگىزلىككە تۇنجى قېتىم كەلگەندە، ناچار مۇھىت پىدائىيلارنى قاتتىق سىنىدى، پىدائىي لى لېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى، قۇرغاق، ئۆزگىرىشچان ھاۋا رايى، ئالاقە راۋان بولماسلىقتىن دەسلەپتە گاڭگىراپ قالغان ئىدىم، لېكىن بالىلارنىڭ بىلىمگە تەشنا كۆز نۇرى مېنىڭ بۇ جايدا قېلىش ئىرادەمنى چىڭىتتى».

   مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ پېڭفېي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئاجىز بولۇشتەك قىيىن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلەندى. تۇنجى قېتىملىق ئاساسىنى ئېنىقلاش ئىمتىھانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ئۇ باشقىلاردىن پائال تەلىم ئېلىپ، ماتېماتىكا بىلىملىرىنى قوزا ساناش قاتارلىق تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. نۇربىيە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ بۇ يەردە قالدى، كۆڭۈل قويۇپ غەمخورلۇق قىلىش ئارقىلىق، مىجەزى غەلىتە گۈلسىمەننىڭ ئىشەنچىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى؛ لى لېي زۇكام بولۇپ قالغاندا، ئوقۇغۇچىسى تۇيدۇرماي زۇكام دورىسى ۋە قۇرت سوۋغا قىلدى، بۇ ئىللىقلىق ئۇنىڭغا بارلىق بەدەللىرىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

     ئوقۇتۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بەردى. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 2023-يىلى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى قېتىم شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ تاغدىن چىقتى. 12 ياشلىق ئوقۇغۇچى نۇرئايىم تولۇپ تاشقان  ئۈمىد بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن بېيجىڭدىكى داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتىمەن!» ئۈچ يىل جەريانىدا، مەكتەپنىڭ نەتىجىسى پۈتۈن شەھەر بويىچە 63-لىكتىن 15-لىككە ئۆرلەپ، كۆپ تۈرلۈك شەرەپكە ئېرىشتى. ئىلگىرىكى تارتىنچاق بالىلار ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئورتاق تىلىدا «پامىر بۈركۈتى»نىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلالايدىغان بولدى.

    بۈگۈنكى كۈندە، قىزىلسۇ ئوبلاستى يولغا قويغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانى يېزا-كەنت مائارىپى مەخسۇس تۈرىدە 61 ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، 1025 پىدائىي چېگرا رايوندا يىلتىز تارتتى.

   ئۈچ يىللىق چىڭ تۇرۇش جەريانىدا، ۋاڭ پېڭفېي ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەر 300گە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولۇپ، چېگرا رايون مائارىپى ئۈچۈن ئۈمىد ئۇرۇقى چاچتى. 

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.