بىر خىل ياۋا كۆكتات بار، ئۇ دائىم يېزا-قىشلاقلاردا، يول ۋە ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ، ئىلگىرى كىشىلەر ئۇنى ئۆي ھايۋانلىرىغا يەم قىلىپ بېرەتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «ئۇزۇن ئۆمۈر ئوتى» دەپ ئاتايدىغان بولدى. بۇ دەل ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياۋا كۆكتات − سېمىز ئوت.
سېمىز ئوت چېكەتكە ئوتى، ئۇزۇن ئۆمۈر ئوتى، ۋۇشىڭ ئوتى، سېمىز ئوت، ۋۇفاڭ ئوتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دۆلىتىمىزدە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. تەبىئىي ئۈنۈپ چىققانلىرىدىن باشقا، ھازىر كۆپىنچىسى يەنە سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلىدۇ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، كۆكتات بازارلىرىدا ئۇنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
1
سېمىز ئوتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى
سېمىز ئوت بىر خىل ئەتلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، يۇپۇرمىقى قېلىن، شىرنىلىك كېلىدۇ، رەڭگى ياپيېشىل، قارىماققا بەكمۇ ئادەتتىكىچە. ئۇ تېز ئۆسىدۇ، ئاسان كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاقتىن بۇيان ياۋا ئوت-چۆپ دەپلا قارىلىپ كەلگەن.
سېمىز ئوتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، قۇرغاق، شورلۇق يەرلەردىمۇ ئۆسەلەيدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالى، شەندۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان، دۇنيادىكى باشقا مۆتىدىل بەلباغ، ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا، مەسىلەن: ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىدە بار.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ ساغلام يېمەك-ئىچمەككە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئەگىشىپ، سېمىز ئوتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تەدرىجىي قېزىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدىغان بەدەن قۇۋۋەتلەيدىغان كۆكتاتقا ئايلاندى.
2017-يىلى 8-ئاينىڭ 14- كۈنى، خېبېينىڭ جىڭشيەن ناھىيەسىدىكى شىنجىيۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، دېھقانلار سېمىز ئوتنى پىششىقلىماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياۋگو فوتوسى)
1. ω-3 ياغ كىسلاتاسى
سېمىز ئوتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇكى، ئۇنىڭدا ω-3 ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە، ω-3 ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، 100 گىرام يېڭى سېمىز ئوت يوپۇرمىقىداتەخمىنەن 400 ~ 300 مىللىگرام ω-3 ياغ كىسلاتاسى بار، بۇ، ئوكۇن بېلىقى ۋە تاسما بېلىقتىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، تاسما بېلىقتىكى ياغ كىسلاتاسى مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەركىبىدە ω-3 ياغ كىسلاتاسى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى مەخسۇس سېمىز ئوت ئۆستۈرۈپ يەيدۇ. بېلىق يېمەيدىغان ھەم بېلىق يېغى، يۈسۈن يېغى يېمەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، سېمىز ئوت ω-3 ياغ كىسلاتاسىنى تولۇقلايدىغان ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
2. ئاقسىل
ھەر 100 گىرام سېمىز ئوت تەركىبىدە 2.3 گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل بار، بۇ، ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئىچىدە بىر قەدەر يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ، ياپىلاق پۇرچاق، كۆك پۇرچاق قاتارلىق يېڭى پۇرچاق تۈرىدىكى كۆكتاتلار بىلەن ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ يەنە دۇڭگۇانىڭ 7.7 ھەسسىسىگە، ئاق لوبو ۋە كاۋىنىڭ 3.3 ھەسسىسىگە، يېڭى سەي پۇرچاق ۋە يۇمىلاق چەيزىنىڭ 2.9 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
3. ۋىتامىن
سېمىز ئوت تەركىبىدە ۋىتامىن مىقدارى خېلى كۆپ، بولۇپمۇ ۋىتامىن C كۆپ، ھەر 100 گىرام سېمىز ئوت تەركىبىدە 23 مىللىگرام بار بولۇپ، ۋىتامىن C مول بولغان جۈزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش، تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى شىمېينىڭ 16.4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، يەنە شوخلىنىڭ 1.6 ھەسسىسىگە، قىچىنىڭ 3.3 ھەسسىسىگە، سىگۇانىڭ 5.75 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ.
ۋىتامىن C يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى رېئاكتىۋ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەدەننى ئەركىن رادىكالنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ، كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سېمىز ئوت تەركىبىدە ۋىتامىن Cدىن باشقا، يەنە β كاروتىن، ۋىتامىن E قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى رېئاكتىۋلار مول بولۇپ، بۇ تەركىبلەر كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش، تېرىنى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
4. مىنېرال ماددا
سېمىز ئوت تەركىبىدە مىنېرال ماددىمۇ خېلى كۆپ. سېمىز ئوت تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى مول بولۇپ، ھەر 100 گىرام سېمىز ئوت تەركىبىدە تەخمىنەن 87 مىللىگىرام كالتسىي بار، ئۇ كالتسىي تولۇقلايدىغان ياخشى كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە كالىي (494mg/100g) ۋە ماگنىي (68mg/100g) مول، بۇ مىنېرال ماددىلار قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ۋە يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
يۇقىرىقىدەك ئوزۇقلۇق تەركىبى گەۋدىلىك بولغاندىن سىرت، سېمىز ئوت تەركىبىدە نورئادرېنالىن بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سېمىز ئوت تەركىبىدىكى يېپىشقاق تەركىب ئەمەلىيەتتە پولىساخارىد بولۇپ، پولىساخارىد ئوخشاشلا قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا ياردەم بېرىدۇ. بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق باھالاش ۋە جەملەنگەن ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىز ئوت ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قان پىلازمىسى تەركىبىدىكى قان شېكىرىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدىكەن.
«شىنخۇا تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى