تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق پارچە سېتىش كارخانىسى ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىسىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى

   مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ئىستېمال بازىرى گۈللەنگەن، جانلانغان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سودا ئىشلىرى چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىكى كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان.

   كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا بەكلا ئېرىشكەن. 2025-يىلىنىڭ بېشىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 0گىچە، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 3 مىليون پارچىدىن ئاشقان؛ ئىستېمالچىلار 12 چوڭ تۈر بويىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن 55 مىليون 160 مىڭ مەھسۇلاتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغان، يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتتىن 41 مىليون 670 مىڭنى سېتىۋالغان.

   دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 60 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ، يېڭى ئاپتوموبىلدىن جەمئىي 8 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك سېتىلىشقا تۈرتكە بولغان؛ ئىستېمالچىلار 12 چوڭ تۈر بويىچە سېتىۋالغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتى 3 مىليون 560 مىڭ دانە بولۇپ، جەمئىي 11 مىليارد 900 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولغان؛ سېتىۋالغان يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلات جەمئىي 2 مىليون 420 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 6 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشقا تۈرتكە بولغان.

   دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق كۆزىتىشىچە، پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنە- سايمانلىرىنى سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %15.5، %13.7 ۋە %10.5 ئاشقان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق كۆزىتىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20تىن كۆپرەك ئاشقان.

   مۇلازىمەت ئىستېمالى سىجىل جانلىنىپ، يېمەك-ئىچمەك، مەدەنىيەت -ساياھەت بازىرى قىزىپ كەتكەن. سودا ئىشلىرى چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىكى كۆزىتىپ ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.