5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى مۇنداق ئۇچۇر ئېلان قىلدى: 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جۇڭغار كوچىسى 299-نومۇردىكى يىمىن بىناسىغا كۆچتى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى A زال ۋە B زالغا ئايرىلىدۇ.

ئەگەر يىمىن سارىيىنىڭ جەنۇبىي ئىشىكىدىن كىرسىڭىز، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى A زالىنىڭ كىرىش ئېغىزى (ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2-نومۇرلۇق ئىشىكى) سول ئالدى تەرەپتە؛ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى B زالىنىڭ كىرىش ئېغىزى (ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى 2-نومۇرلۇق ئىشىك) ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە 40 مېتىر كېلىدىغان جايدا.
ئەگەر يىمىن سارىيىنىڭ غەربىي شىمال ئىشىكىدىن كىرسىڭىز، ئىككى بىنا ئارىسىدىكى كارىدوردىن ئۆتسىڭىز، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى A زالىنىڭ كىرىش ئېغىزى (ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2-نومۇرلۇق ئىشىكى) ئوڭ تەرەپتىكى 50 مېتىر كېلىدىغان جايدا؛ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى B زالىنىڭ كىرىش ئېغىزى (ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى 2-نومۇرلۇق ئىشىك) ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە 40 مېتىر كېلىدىغان جايدا.
ئىككى مۇلازىمەت زالىدا كەسىپ بېجىرىشتە ھەرقايسىسىنىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى بار. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى A زالى (ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2-نومۇرلۇق ئىشىكىدىن كىرىسىز)دا كۆچمەس مۈلۈكنى يۆتكەش (نىمكەش ئۆي سودىسى، ئەر-خوتۇننىڭ نامىدىكى كۆچمەس مۈلۈك نامىنى ئۆزگەرتىش، كېسىم ئارقىلىق نامىنى ئۆزگەرتىش)، ئۆزگەرتىش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش؛ كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش؛ كۆچمەس مۈلۈكنى تۈزىتىش، باشقىچە پىكىرلەرنى تىزىملاش؛ تولۇقلاپ (ئالماشتۇرۇپ) گۇۋاھنامە تارقىتىش؛ ئېلان چىقىرىش؛ ھەق ئېلىش؛ سانلىق مەلۇماتلارنى ئاسراش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش؛ سۇ، توك، گاز مۈلۈك ئىگىسىنىڭ نامىنى بىرلەشمە ئۆزگەرتىش قاتارلىق كەسىپلەر كونكرېت بېجىرىلىدۇ.
كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى B زالى (ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى 2-نومۇرلۇق ئىشىكتىن كىرىسىز)دا كۆچمەس مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش، مۈلۈك ئايرىش، ھەدىيە قىلىش كەسپى كونكرېت بېجىرىلىدۇ؛ دۆلەت ئىلكىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۇنجى قېتىم (ئۆزگەرتىپ) تىزىملاش ۋە ئۆزى ئۆي سېلىش كەسپى؛ كۆچمەس مۈلۈكنى تەكشۈرۈپ (پېچەتلەپ) تىزىملاش؛ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنى تۇنجى قېتىم ئالدىن مەلۇم قىلىش، يۆتكەپ تىزىملاش ۋە ئۇنىۋېرسال سۈرۈشتۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئاسراش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەر شەھەر ئاھالىلىرىنى كەسپىي بولغان ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، شەھەر ئاھالىلىرى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىشلىرىدا چۈشىنەلمىگەن ئەھۋال بولسا، خىزمەت كۈنىدە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:30دىن 18:30غىچە، مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيەسى 12345-0991 ۋە 3198002-0991غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. (ماقالىنى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جياڭ بىنۋېي تەييارلىغان)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى