تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پۈتۈن مەملىكەتتىكى 200 شەھەرنى قاپلىدى! ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ كۈن ھەقسىز تۇرۇشقا بولىدۇ

   ھازىر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار رايون ھالقىپ خىزمەت ئىزدەيدىغان ئەھۋال كۆپىيىپ قالدى، سەپەرگە چىقىشتا ياتاق تەننەرخىمۇ ئۆرە بولۇۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىشىپ «<ياشلار مۇلازىمەت پونكىتى>نىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، رايون ھالقىپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ياتاق جەھەتتە ئېتىبار ۋە قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، «ياشلار مۇلازىمەت پونكىتى»نىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ رايون ھالقىپ خىزمەت ئىزدىشى ئۈچۈن، ياتاق جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى ئېتىبار ۋە قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت سۇپىسى (http://www.ncss.cn)، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىغا قاراشلىق تور يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى قاتارلىقلاردا مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى بىرىكتۈرۈپ ھەمبەھرىلەيدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇلازىمەت پونكىتى سىياسىتىنى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت بوغچىسىغا كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، «ياشلار مۇلازىمەت پونكىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى نىشانلىق يوللاپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۇچۇردىن تولۇق خەۋەردار بولۇش، سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا، يەرلىكنىڭ ماس ھەمتۈرتكىلىكىنى كۈچەيتىپ، «ياشلار مۇلازىمەت پونكىتى»دا تۇرۇپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىش ئورنىغا تونۇشتۇرۇش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىزدىنىشى كېرەك، شارائىتى بار جايلار قىسقىچە تەرجىمىھالنى AI سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، توردا كەسىپ پىلانلاش، خىزمەت ئىزدەش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.

   «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى ئىتتىپاق كومىتېتلىرى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئۆيلەرنى تەييارلىشى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر يىغىلغان رايونلارنى ئالدىن قاپلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىكى «ياشلار مۇلازىمەت پونكىتى»لىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ياتاقتا تۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، قولاي مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ خىزمەت ئىزدەش تەننەرخىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، ياتاقتا تۇرۇش تەسىراتىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجازەت ئۆلچىمى ۋە چېكىنىش مېخانىزمى تۈزۈشى ھەمدە قاتتىق يولغا قويۇشى كېرەك.

   كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، «ياشلار مۇلازىمەت پونكىتى» ياشلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمەت تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 200دىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلىغان، كۆلىمى 2600دىن ئاشىدىكەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياشلار ئۈچ كۈندىن كەم بولمىغان ھەقسىز ياتاقتا يېتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. رايون ھالقىپ خىزمەت ئىزدەيدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر دۆلەت داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت سۇپىسى، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىغا قاراشلىق تور يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى قاتارلىقلاردىن «ياشلار مۇلازىمەت پونكىتى»نىڭ ئىلتىماس قىلىش يوللىرى ھەم ئالاقىدار سىياسەت ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.