تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سىزگە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىنغان «چوڭ فىلىم»ىنى كۆرسىتىپ قوياي

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋەر قىلىدۇ) باش ياز مەۋسۇمى يېتىپ كەلدى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى ۋاقىت تەبىئىيلا ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا، تاغ-دەريا، ئوتلاقلاردا ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە. تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا سۈرەتكە تارتىلغان ئارال دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

5-ئاينىڭ 3-كۈنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئارال دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئاسمان كۆپكۆك، قارلىق تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئوتلاقلار رەڭدار تۈسكە كىرگەنىدى.
لى جەنپېڭ فوتوسى

   تۇتاش كەتكەن تاغلار بىردەم ئېگىزلەپ بىردەم پەسىيەتتى: قارلىق تاغ چوققىسىدىكى ئاپئاق قار ئاسمانغىچە سوزۇلغانىدى؛ تاغ قاپتىلىدا، كەڭ جاھان ھەر خىل قىياپەتتە نامايان بولاتتى.

   ئېقىن سۇلار توختىماي ئېقىپ تۇراتتى: يېشىل رەڭ، كۆك رەڭ، سېرىق رەڭدە، ئۇزۇن ۋە ئەگرى-بۈگرى ئاقاتتى؛ ياكى تۇپراق ئىچىدە، يىلتىز غولىدا غايىب بولاتتى، ياكى ئالدىغا قاراپ ئېقىپ، تاغ جىلغىسىدا شىلدىرلايتتى.

   ئوت-چۆپلەردە پەسىل ئالماشقانىدى: قېنىق قوڭۇر رەڭ، ئالتۇن رەڭ، ئاقۇچ سېرىق رەڭ، يۇمران يېشىل رەڭ، ئاقۇچ ھال رەڭ... ؛ پارچە-پارچە، بۆلەك-بۆلەك بولۇپ، ئۆزئارا سىغىشىپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزگىچە نامايان بولۇپ تۇراتتى؛ توپ-توپ، قاتار-قاتار دەرەخلەر، بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ، بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، بىر-بىرىگە ماسلاشقانىدى.

   قوي-كالىلار ئىللىق قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، يېڭى ئوت-چۆپلەرنى ئوتلىماقتا ئىدى: توپ-توپ قوي-كالىلار باھاردىكى يۇمران ئوت-چۆپلەر، ئېرىگەن تاتلىق قار سۇلىرىدىن قانغۇچە ھۇرۇلىناتتى، ئۇلار شۇنچە غەمسىز، خاتىرجەم.

5-ئاينىڭ 3-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئارال دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، قارلىق تاغدىن ئېرىپ چۈشكەن سۇلار ئوتلاقتا ئېقىپ، ھاياتلىقنى ئوزۇقلاندۇرماقتا.

لى جەنپېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 3-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئارال دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئېگىزلىكتىكى سۇلۇق يەر رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى.

لى جەنپېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 3-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئارال دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، قوي-كالىلار سۇ كېچىپ ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

لى جەنپېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 3-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئارال دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، تاغ يولىنى بويلاپ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلسىڭىز ئېگىزلىكتىكى سۇلۇق يەرنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايسىز.

لى جەنپېڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.