شىنجاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرى دىققەتنى تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى، توردىكى بىر تۈركۈم قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىپ، تور مۇھىتىنى ھەقىقىي ساپلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئالتە تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.
دېلو مىسالى 1: مىنⅩنىڭ قىمار ئويناشقا تەشكىللەش دېلوسى
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى گۇڭئەن ئورگىنى توردا تەشكىللەش، تور سىرتىدا قىمار ئويناشقا قاتنىشىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر دېلونى پاش قىلدى. مىنⅩ، جېڭⅩ، خۇⅩ باشچىلىقىدىكى شايكا توردا كىشىلەرنى ئەتراپىغا يىغىپ، تور سىرتىدا قىمار ئويناشقا تەشكىللىگەن ھەمدە بۇنىڭدىن قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن، دېلوغا چېتىشلىق سومما 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. ھازىر مىنX، جېڭX، خۇXلەرگە تەۋەلىكتىكى گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇنغا بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى.
دېلو مىسالى 2: كەيX نىڭ ئۇچۇر تورى جىنايى ھەرىكىتىگە ياردەملىشىش دېلوسى
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى گۇڭئەن ئورگىنى ئۇچۇر تورى جىنايى ھەرىكىتىگە ياردەملىشىش دېلوسىدىن بىرنى پاش قىلدى، كەيX ئالاقە تورى سۇپىسىدا «يۇقىرى مائاشلىق قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ئېلانى»نى كۆرۈۋاتقاندا تېلېگراف ئالدامچىلىرى ئۇنى ئېزىقتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان، ئۇ مەلۇم مېھمانسارايدا ئاددىي GOIP(مەۋھۇم نومۇردا تېلېفون قىلىش) ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايى ھەرىكىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەملەشكەن ھەمدە ئۇنىڭدىن قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، كەيXكە تەۋەلىكتىكى گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلدى.
دېلو مىسالى 3: ماXنىڭ ئۇچۇر تورى جىنايى ھەرىكىتىگە ياردەملىشىش دېلوسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى گۇڭئەن ئورگىنى ئۇچۇر تورى جىنايى ھەرىكىتىگە ياردەملىشىش دېلوسىدىن بىرنى پاش قىلدى. ماX باشچىلىقىدىكى شايكا چىقىم قىلىش يۇمشاق ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ پۇل يۇيۇش جىنايى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئەزالارنى قوبۇل قىلىپ يېنىغا تارتىپ ۋە ئۇلارنى بانكا كارتىسىنى قانۇنسىز سېتىۋېلىشقا بۇيرۇپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەتچىلىرىنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى يۆتكىشىگە ياردەملەشكەن ھەم بۇنىڭدىن قانۇنسىز پايدا ئالغان. نۆۋەتتە، ماX تەۋەلىكتىكى گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلدى.
دېلو مىسالى 4: تاXنىڭ ئۇچۇر تورى جىنايى ھەرىكىتىگە ياردەملىشىش دېلوسى
قەشقەر ۋىلايىتىدىكى گۇڭئەن ئورگىنى ئۇچۇر تورى جىنايى ھەرىكىتىگە ياردەملىشىش دېلوسىدىن بىرنى پاش قىلدى. تاX تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى شايكىسىنىڭ يېنىغا تارتىشى بىلەن ئۆز نامىدىكى بانكا كارتىسىنى ئارىيەتكە بېرىپ تېلېگراف تور ئالدامچىلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەملەشكەن ھەم بۇنىڭدىن قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، تاXكە تەۋەلىكتىكى گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلدى.
دېلو مىسالى 5: مەيXنىڭ شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى
ئاقسۇ ۋىلايتىدىكى گۇڭئەن ئورگىنى شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسىدىن بىرنى پاش قىلدى. جىنايەت گۇماندارى مەيX پايدا ئېلىش ئۈچۈن، ئالاقە تورى سۇپىسىدا شەھۋانىي سىن ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن شەھۋانىي سىن سېتىپ قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، مەيX تەۋەلىكتىكى گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.
دېلو مىسالى 6: ليۇXنىڭ يەر تەۋرەشكە دائىر پىتنە-ئىغۋا توقۇش دېلوسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى، شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرىدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى بىرلىكتە توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىدىن بىرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. تور ئەھلى ليۇX ئالاقە تورى سۇپىسىدا «شىنجاڭنىڭ مەلۇم يېرىدە 5.4 بال يەر تەۋرەپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلدى» دېگەن سىننى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ليۇXنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلىش، ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلدى دېگەن ساختا ئۇچۇرنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە، ليۇXكە تەۋەلىكتىكى گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلدى.گوڭئەن ئورگىنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تور جىنايى ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىپ، كىچىك پايدىنى كۆزلىمەسلىك، باشقىلارغا بانكا كارتىسىنى ئارىيەتكە بەرمەسلىك، خالىغانچە ھېساباتقا پۇل يۆتكىمەسلىك ياكى باشقىلارغا شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرلىرىنى بەرمەسلىك كېرەك. تور قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، قانۇن بىلەن ئويناشماڭ، شىنجاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرى توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.






