تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

زېھنىمىزنى يىغايلى! زېھنىمىزنى يىغايلى !

    مۇخبىرنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر جەمئىي 1 مىليارد 467 مىليون ئادەم قېتىم بولغان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 293 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.0 ئاشقان.

   كۆكلەم سەيلىسى قىلىپ مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىش، سەپەرگە چىقىپ يىراقلارغا ساياھەتكە بېرىش... «1ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بازارنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر تيەنجىن شەھىرىنىڭ دۇڭلى رايونىدىكى سەييۇەنزى دېھقانچىلىق مەيدانىدا بېلىق تۇتۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.  خەلق تورى مۇخبىرى سۈي شىنياۋ فوتوسى

     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرى جىنيۇەن رايونىدىكى شاللىق باغچىسىدا، بىر كىچىك دوست خۇشال ھالدا بالىلار تۇرۇبىلىق چالغۇنى چالماقتا.  خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ فەن فوتوسى

  5-ئاينىڭ 3-كۈنى، خېنەن ئەنياڭدىكى يىنشۈ مۇزېيىنىڭ چىغىناق-تاغاق يېزىقى كۆرگەزمە رايونىدا، ساياھەتچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ كۆرگەزمىنى كۆرمەكتە.   خەلق تورى مۇخبىرى دەن فاڭ فوتوسى

    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ دۈنخۇا شەھىرىدىكى بېيشەن باغچىسىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر  پەلەمپەي بىلەن ئېگىزگە چىقىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى.   خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ خەييۆ فوتوسى

5 -ئاينىڭ 4-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۇن شەھىرىدىكى نەنخۇ باغچىسى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر كۆلدە قېيىق ھەيدەپ ئارام ئالماقتا.  خەلق تورى مۇخبىرى  لى ياڭ فوتوسى

    5 -ئاينىڭ 4-كۈنى، خېنەننىڭ لىنجوۋدىكى تەيخاڭشەن تېغى چوڭ جىلغىسىدا، ساياھەتچىلەر سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلاردىن ھۇزۇرلىنىپ ئارام ئالماقتا.  خەلق تورى خو ياپىڭ فوتوسى

   5 - ئاينىڭ 2 -كۈنى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭبەيشەن تېغى شىمالىي مەنزىرە رايونىدا، باھاردا ياغقان قار چاڭبەيشەن تېغىغا كۈمۈش لىباس كىيدۈرۈپ، سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.  خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ دىيۇەن فوتوسى

  5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساياھەتچىلەر خېنەن نەنياڭدىكى شىجېي ئەتىرگۈل تاماشا قىلىش باغچىسىدا گۈللەرنى تاماشا قىلماقتا.   خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ يۈشىڭ فوتوسى

5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بېيجىڭ تۇڭجوۋ  بېييۈن دەرياسى بويىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر دالىدا قونۇپ ئارام ئالغاچ، قانالنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، تەبىئەتكە يەنىمۇ يېقىنلاشتى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋېڭ چىيۈ فوتوسى

5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بىر مەيدان زاڭزۇچە توي مۇراسىمى شىزاڭنىڭ لاسا شەھىرى چېڭگۇەن رايونىدىكى گاڭدۈي ئولتۇراق رايونىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.   خەلق تورى مۇخبىرى سىرېن لوبۇ فوتوسى

سىز دەم ئېلىشنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟


«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.