تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۈچەي مونچاق گۆشىنى كېسىپ ئېلىۋەتسە بولمايدۇ، كەسكەنسېرى كۆپىيىدۇ؟

 

 بۇنداق دىيىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.

  ئۈچەيدىكى بەزى مونچاق گۆشنىڭ راكقا ئۆزگىرىش خەۋپى بولىدۇ، ئۇنى ۋاقتىدا كېسىپ ئېلىۋېتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر، ئۇنى كەسكەنسېرى كۆپەيمەيدۇ.

   ئۈچەي مونچاق گۆشى بوغماق ئۈچەي ئىچكى پەردىسىدىكى ھۈجەيرە كىچىك توپلاشمىسىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، كۆپ ساندىكىسى ياخشى سۈپەتلىك، زىيانسىز بولىدۇ. لېكىن قىسمەنلىرى (مەسىلەن، بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مونچاق گۆش) ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، راكقا ئۆزگىرىش خەۋپى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا، مونچاق گۆشنى بالدۇر كېسىپ ئېلىۋېتىش زۆرۈر.

   مونچاق گۆشنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندە تېخىمۇ كۆپ مونچاق گۆش ئۆسۈپ چىقمايدۇ. ئەگەر كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قايتا تەكشۈرگەندە يەنە يېڭى مونچاق گۆش بايقالسا، ئۇ ئىلگىرى بايقالمىغان مونچاق گۆش بولۇشى ياكى ئىلگىرىكى مونچاق گۆش تولۇق كېسىپ ئېلىنماي، ئەسلىي ئورنىدا قايتا ئۆسۈپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزى ئاغرىقلاردا ئىرسىيەت ئامىلى ياكى تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبىدىن ئاسانلا مونچاق گۆش ئۆسۈپ قالىدۇ، بۇ كېسىپ ئېلىۋېتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەمەس.

   ئومۇمەن، ئەگەر مونچاق گۆش بايقالسا، بولۇپمۇ راكقا ئۆزگىرىش خەۋپى بار مونچاق گۆش بايقالسا، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىش، كېسەللىك ئەھۋالىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.